ئىسىم ماجىراسى

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

(ھېكايە)


چوڭلارنىڭ دەپ بېرىشىچە بۇرۇنقى زامانلاردا بۇ مەھەللىنىڭ سىرتىدا ناھايىتى سۇيى مول بىر دەريا بولغان ئىكەن. ئادەملەرنىڭ كۆپىيىشى، زامانلارنىڭ ئۆتىشى بىلەن بۇ ئېقىنى مول دەريا ئېقىشتىن توختاپ، ئاستا-ئاستا قۇرۇپ كېتىپتۇ. يۇز كېلومىتىرلەرچە خۇددى يىلان تولغانغاندەك ئىز قالدۇرغان بۇ ئەزىم دەريادا سۇ بولمىغانلىقى ئۈچۈن، دەريا بويلىرىنى ئاتا-بوۋىلىرىغا ئوخشاشلا ماكان تۇتۇپ ياشاپ كەلگەن كىيىنكى ئەۋلادلار تەرىپىدىن «قۇرۇق دەريا» دەپ ئاتىلىپتۇ. بۇ قۇرۇق دەريا ھايات ۋاقتىدا ئىككى قاسنىقىغا قالدۇرۇپ كەتكەن لاي-لاتقىلار شاماللارنىڭ ئۇچۇرتۇپ كۆچۈرۈشى بىلەن دەريا قېشىنى بويلاپ چوڭ-كىچىك دۆڭلەر پەيدا بولۇپتۇ. بۇ دەريا قېشىدا ياشاپ كەلگەن ئەل ئۆ يۇرتلىرىنىڭ ناملىرىنى بۇرۇن «چوڭ دەريا قاش»، «ئورتا دەريا قاش» ۋە «كىچىك دەريا قاش» دەپ پەرقلەندۈرۈپ ئاتاپ كەلگەن بولسا، دەريا قۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن يۇرتلارنىڭ ئىسىملىرىمۇ ئاستا ـ ئاستا «چوڭ دوڭ مەھەللە»، «ئورتا دوڭ مەھەللە» ۋە «كىچىك دوڭ مەھەللە» لەرگە ئۆزگىرىپ كېتىپتۇ.

ئەزەلدىن ئوۋ ئوۋلاپ، مال ـ چارۋا بېقىپ ھايات كەچۈرۈپ كەلگەن بۇ يۇرتنىڭ خەلقى ئەلمىساق جاھان ئايلىنىپ بۈگۈنگە كەلگەندە دېھقانچىلىقىنى ئاساس، چارۋىچىلىق قوشۇمچە كەسىپ قىلىپ كۈن كەچۈرەتتى. كىچىك دوڭ مەھەللىسىدىكى بالىلارنىڭ ئەڭ ئەقىللىقى، ئەڭ ئىززەتلىكى، «كىچىك موللام» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن قادىر قارىم بولسا مۇشۇ مەھەللىدىكى يۇز ـ ئابرويلۇق ئوسمان ئىمامنىڭ ئەتىۋارلىق كەنجى ئوغلى بولۇپ، ھەممە كىشىلەر ئۇنى «قادىر قارى» مەھەللىمىزنىڭ كىچىك قارىسى دەپ تەرىپىنى قىلىشاتتى. ئوسمان ئىمام بىر قانچە قېتىم مەككە مۇكەرەمگە ھەج سەپىرى قىلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلغان بولسىمۇ ئەمما پاسپورت ئالالماي بارالمىغان ئىدى. ئوسمان ئىمامنىڭ يۈرىكى بۇ ئىش ئۈچۈن ھەر كۈنى ئاغرىيتتى. شۇنداق بولىشىغا قارىماي مەھەللە ئەھلى ئۆز ئىمامىنى «دىندار، تەقۋادار، كىشىنىڭ ھەققىگە كۆز قىرىنى سالمايدىغان خۇدا يولىدىكى تەقۋادار ئادەم» دەپ تەرىپىنى قىلىپ ھۆرمەت بىلدۇرەتتى. ئوسمان ئىمام ئۆمرىدە ئىككى قېتىم ئۆيلەنگەن، جەمى بەش پەرزەنت كۆرگەن بولۇپ، بالىلىرىنىڭ ئىككىسى قىز، ئۇچى ئوغۇل. قادىر قارى بولسا ئىمامنىڭ ئىككىنچى قېتىم ئۆيلەنگەن ياش ئايالى خەيرىنىسا بۇۋىدىن تۇغۇلغان ئىدى.

ئوسمان ئىمامنىڭ بۇ ئەتىۋارلىق كىچىك ئوغلى ھەش - پەش دېگۈچە يىللار بىلەن تەڭلا چوڭ بولۇپ يىگىتكە ئايلىنىش ئالدىدا تۇراتتى. قادىر قارىم ئاتىسىنىڭ بىر قوللۇق تەربىيىلىشى بىلەن دىنىي بىلىملەر بالا ۋاقتىدىن تارتىپ پۇختا ئۆگىتىلگەن ئىدى. ئۇ ئون سەككىز ياشقا كىرگەندە پەنسىر ئايەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى يادا ئوقۇيالايدىغان، 12 ياشقا كىرگەندە «سۈرە ياسىن» نى يادا ئوقۇيالايدىغان، قۇرئاندىكى خالىغان بىر سۈرىنى بىمالال ئوقۇيالايدىغان سەۋىيىگە يەتكەن ئىدى. ئۇ قۇرئان قىرائەت قىلىشتا ئاۋازىنىڭ يېقىملىقلىقى، مۇڭلۇقلىقى بىلەن مەھەللە - كويلاردا ھەممە كىشى «پاھ كىچىك موللام ئاتىسىنى دوراپتۇ!» دەپ ئاپىرىن ئېيتىشاتتى. ئەممازە كىچىك موللام پەننىي مەكتەپ ئوقۇشىنى ياخشى ئوقۇيالمىغان ئىدى. ئوسمان ئىمام كۆپىنچە ھالدا جۈمە كۈنى ئوغلىنى جۈمە نامىزىنى تەرك قىلىپ قويىدۇ دەپ مەكتەپكە ئەۋەتمەيتى. ئوسمان ئىمامنىڭ جەمەتى ئۈچ ئەۋلادىدىن تارتىپ مۇشۇ كىچىك دوڭ مەھەللىسىنىڭ مەسچىتىگە ئىمامەتچىلىكىنى قىلىپ كەلگەن ئىدى. ئوسمان ئىمامنىڭ رەھمەتلىك ئاتىسى رەھمەت داموللا ھاجىم كىچىك دوڭ مەھەللىسىگىلا ئەمەس پۈتۈن ناھىيىگە نامى مەشھۇر دىنىي زات بولۇپ، ئۇ نەچچە قېتىم سىياسىي كېڭەش يىغىنلىرىغا قاتناشقان ئىدى.

ئوسمان ئىمام رەھمەت داموللا ھاجىمنىڭ كەنجى ئوغلى بولۇپ ئۇ 20 يېشىدا ئاتىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئاتا كەسپىنىڭ ۋارىسى بولۇپ ئىمام بولغان. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بۇ كۈنلەردە ئوسمان ئىمام يۇرتتا ھەممىدىن ئابرويلۇق بولغاچقا ھىچ كىم ئۇنى خاپا قىلىشقا پېتىنالمايتتى. ئوسمان ئىمام كىچىك موللا ئوغلىنى جۈمە كۈنلىرى مەكتەپكە ئەۋەتمىسە مۇئەللىملەر سۈرۈشتە قىلالمايتتى. ئاتا بۇ ئەتىۋارلىق ئوغلىنىڭ رايىغا تولىمۇ ئېتىبار بېرەتتى ۋە ئۆز - ئۆزىگە «ئىماملىق ئائىلىمىزنىڭ مىراسى… موللىنىڭ بالىسى موللا بولىدۇ… كالىنىڭ بالىسى موزاي. ئوغلۇم پەننىي مەكتەپتە ئوقۇپ قانداقمۇ ئىمام بولالىسۇن…» دەپ ئوغلىنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ توغرا قىلىۋاتقانلىقىنى شەرھلەشكە ئۇرۇناتتى. شۇنداق قىلىپ مىڭ بىر مۇشاقەتلەردە مەھەللە ۋە يېزىدىكى مەكتەپ مۇدىرلىرىغا ئاز - تولا سۆيۈنچە بېرىپ، ئەڭ ياخشى گەپلەرنى قىلىپ يورۇپ ئوغلىنى ئون بەش ياشنىڭ قارىسىنى ئېلىشىغا ئۇلگۇرتمەيلا ئوتتۇرا مەكتەپتىن چىقىرىۋالغان ئىدى. ئەمدى ئوسمان ئىمامنىڭ ئەڭ كاتتا ئارزۇ - ئارمانلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ئانچە ئۇزاق ۋاقىت قالمىغاندەك قىلاتتى. ئۇ ئۆز -ئۆزىگە يالغۇز قالغان چاغلىرىدا «بالىنىڭ كەنجىسى ئاتىغا مىراس» دېگەن سۆزنى راھەت بىلەن پىچىرلايتتى.


* * * * * *

ئوسمان ئىمامنىڭ بۇ ئاي - كۈنلەردىكى بارلىق ئوي - خىيالى كەنجى ئوغلىنى تىزراق ئۆيلەپ قويۇشقا مەركەزلەشكەن ئىدى. ئۇ ئىككى يىلنىڭ ئالدىدىلا كەنت مەسئۇللىرىغا خۇدا ھەققىدە ياخشى گەپلەرنى قىلىپ يورۇپ ئۆز قورۇ جايىغا يېقىن تۆت مو يەرگە كەنجى ئوغلى قادىر قارىغا ئاتاپ ئوي سېلىش، باغ- ۋاران بەرپا قىلىش ئىشلىرىنى باشلىۋەتكەن ئىدى. مانا بۇ ئىنشائات ئىشلىرىمۇ مەھەللە جامائىتىنىڭ خالىس ياردىمى بىلەن ئىمامنىڭ مۆلچەرى بويىچە ئۆز قەرەلىدە پۈتكەن ئىدى. ئەمدىكى نۆۋەت كېلەر جۈمە كۈنىدىن كېيىن قالماي چوڭ دوڭ مەھەللىسىدىكى ھىدايەتۇللا ئىمامنىڭ 13 ياشنىڭ قارىسىنى ئەمدى ئالغان كەنجى قىزى راھىلەخانغا ئەلچى كىرگۈزۇپ ئاتا- ئانىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ھەپتىسىدە توي ۋاقتىنى بېكىتىش ئىدى. ئەمما ئۆيدىكى ئۆلچەم تالاغا ماس كەلمىگەندەك كەنجى ئوغلىنىڭ توي ئىشلىرى ئىمام ئۆزى ئويلىغاندەك ئۇ قەدەر راۋان يۈرۈشمەيۋاتاتتى.

ئوسمان ئىمام بۈگۈن سەھەر بامدات نامىزىنى جامائەت بىلەن بىللەن ئوقۇغاندىن كېيىن ئوغلى قادىر قارى بىلەن مەھەللىنىڭ تار توپا يوللىرىدا مەسە كىيگەن ئاياغلىرىدىن يېنىك چاڭ - تۇزان چىقىرىشىپ ئۆيىگە قايتتى.

ئۇلار بىر مەھەل ئۈن - تىنسىز ماڭغاندىن كېيىن ئوسمان ئىمام ئوغلىغا بوغۇق ئاۋازدا گەپ قىلدى:

- ئوغلۇم، ئۇ گۇڭشېدىكى كادىر زادى سىلەرگە نېمە دېدى؟ ئۇلا نىمىشقا خەت بەرمەيدىكەن ھە؟

- يېشىڭلار نىكاھلىنىش يېشىغا توشمايدىكەن. ئون سەككىز ياشقا كەلگەندە كېلىڭلار، شۇ چاغدا نىكاھ خېتى بېرىمىز دەيدۇ، - دېدى قادىر قارى خىجالەتتە بېشىنى تۆۋەن سېلىپ تۇرۇپ.

- خەپ… بۇ جاھان نېمە بولۇپ كېتىپ بارىدۇ ھە ئەمدى …. بۇ خەق ئىسلام شەرىئىتى دېگەننى يا بىلمىسە …. بۇرۇن بىزنىڭ زامانىمىزدا نەدە ئۇنداق گەپلەر بولسۇن ھە. ئوغۇل بالا دېگەن ئات ئۈستىدە ئولتۇرالىغۇدەك بولسىلا خوتۇن ئالاتتى، قىز بالا تۇماق بىلەن بېشىغا بىرنى قويسا يېقىلمىسىلا ياتلىق قىلىناتتى. ئېيتقىنا ساڭا شۇ گەپنى قىلغان كادىرنىڭ ئىسمى نېمىكەن؟ - دەپ سورىدى ئىمام تەخىرسىزلىك بىلەن.

- سادىقجان دەيدۇ. ھەممە ئادەم ئۇنى ھۆكۈمەتكە بەك سادىق كادىر دەيدۇ.

- ئۇنىڭ ئىسمى ھەر قانچە سادىق بولسىمۇ گېلىنىڭ تۆشۈك ئەمەسلىكىنى مەن بىر كۆرەي. مەن بۈگۈن كەچكە توغرىلاپ مەھەللىنىڭ دادۈيجاڭنى بىر ئوغلاق، ئىككى يۈز كوي بىلەن ئۇ كادىرچاقنىڭ ئۆيىگە ئەۋەتەي. خۇدا ئىشىڭلارنى ئاسان قىلار. مەن بۈگۈن بامدات نامىزىمدا بەختىڭلار ئۇچۇن دۇئا قىلدىم، - دېدى ئىمام ئۆزىگە ئىشەنگەن ئۈمىدلىك بىر قىياپەتتە.

مەھەللە مەسچىتى بىلەن ئوسمان ئىمامنىڭ ئۆيىنىڭ ئارىلىقى بىر چاقىرىم ئەتىراپىدا كېلەتتى. شۇنداق بولىشىغا قارىماي بۇ مۇساپە ئۇلار ئۈچۈن خىلى مۇشكۈل يول يورۇش ھېسابلىناتتى. بۇ مەھەللىدىكى ئېيىقلارغا كۆۋرۈك سېلىنمىغاچقا بولۇپمۇ ئېرىققا ئەتىيازدا سۇ كەلگەن مەزگىللەردە دېھقانلار ئېتىزلارغا، باغ- ۋارانلىرىغا سۇ باشلىسا يوللارنى سۇ بېسىپ كېتىپ ئادەملەرنىڭ يولدا مېڭىشى تەسكە چۈشەتتى. ئىمام بىلەن ئوغۇل ئۆستەڭ قىرلىرىنى، ئېتىز قىرلىرىنى، قەيەر قۇرغاق بولسا شۇ يەرلەرنى ئاۋايلاپ مېڭىپ ئۆيىگە يېقىنلاشتى. ئىمام شۇ ئەسنادا كىملەردىندۇر خاپا بولغاندەك ئاچچىق - ئاچچىق بۇغۇلۇپ سۆزلەيتتى.

- مەن ھەر كۈنى نامازدا دەيمەن بۇ ھەققە ھە. ئۆشرە زاكات بېرەيلى، ساۋاب بولىدۇ، كۈۋرۈك سالايلى ساۋاب بولىدۇ دەپ، ئەمما ئۇلار گېپىمنى ئاڭلىمايدۇ، ئۇلار خۇدادىن قورقمايدۇ. كۈۋرۈك سالمايدۇ. يول ياسسىمايدۇ، زاكات بەرمەيدۇ. شۇڭا خۇدا بىزنىڭ نىيەت - ئىقبالىمىزاغا بېقىپ مۇشۇ غۇربەتلىك، مۇھتاجلىق كۈنلەرنى نېسىپ قىلغان ئىكەن…..بەندە ئۆز ھالى ئۈچۈن مىدىرمىسا ياراتقۇچى پەرۋەردىگارىمىز بىز ئۈچۈن مىدىرلىمايدۇ….

ئوسمان ئىمامنىڭ بىر قوللۇق كۆرسەتمىسى بويىچە، دادۈيجاڭنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئاخىرى نىكاھ خېتىنى ئېلىش مەسىلىسىمۇ ھەل بولدى. ئىككى يۇرتنىڭ ئەھلى تويغا تەكلىپ قىلىندى. بۇ توينىڭ مۇراسىملىرى ناغرا - سۇناي ياڭرماي تولۇق شەرىئەت قائىدىسى بويىچە ئېلىپ بېرىلدى. شۇنداق قىلىپ بۈگۈن كىچىك دوڭ مەھەللىسىدىكى ئوسمان ئىمامنىڭ كەنجى ئوغلى قادىر قارىم بىلەن چوڭ دوڭ مەھەللىسىدىكى ھىدايەتۇللا ئىمامنىڭ كەنجى قىزى راھىلەخان باشلىرىنى بىر تەكىيگە قويدى.


* * * * * *

ئايلار يىللارنى قوغلاپ ئۆتۈۋەردى. بۇ يېزىدىمۇ ئاستا - ئاستا ئۆزگۈرۈشلەر پەيدا بولۇشقا باشلىدى. مەھەللىدە دېھقانلار ھازىر ئېلېكتىر چىرىقى ئىشلىتىدىغان، كېۋەز تېرىپ قۇلى پۇل كۆرگەنلەر ئۈن-ئالغۇ، تېلېۋىزور سېتىپ ئالالايدىغان بولدى. ئەمما بۇ مەھەللىدە ئىككىلا نەرسە ئۆزگەرمىگەن ئىدى، بىرى ئوسمان ئىمام ئىمامەتچىلىك قىلىدىغان مەھەللىنىڭ قىيسىق مەسچىتى، يەنە بىرى ئېشەك ھارۋىسى ماڭسىمۇ توپا - چاڭ توزۇپ تۇرىدىغان توپا يوللار.

«ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ بىز بەندىلەرگە بەرگەن نېسىۋىسى سېخىيكەن. مانا مېنىڭ يېشىم رەسۇلىللاھ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېشىدىن ئۆتۈپ كەتكىلى خېلە يىللار بولدى. ئەلىھەمدۇللاھ، كۈننىڭ سېرىقىنى كۆرۈپ ياشاپ كېلىۋېتىپتىمەن…. » دەيتتى ئىمام پېشايۋان ئاستىدىكى كاتتا تەكىيگە يانپاشلىنىپ ياتقاچ قولىدا تەسۋىيىنى بارماقلىرى ئارىسىدا پىرقىرىتىپ.

ئوسمان ئىمام كەنجى ئوغلىنىڭ يېقىندا توغۇلغان بالىسىنى قوشقاندا جەمئى 12 نەۋرە كۆرگەن ئىدى. ئىمام كەنجى ئوغلىغا ئايرىم تېرىقچىلىق قىلىدىغان يەر بۆلۈپ بېرىپ، مۈلۈك - بىساتلىرىدىن مىراس قاتارىدا ئايرىپ بېرىپ ئايرىم چىقىرۋەتكىلىمۇ خېلە يىللار بولدى. ئىمامنىڭ باشقا بالىلىرىنىڭمۇ ھال - كۈنى يامان ئەمەس ئىدى. قادىر قارىم بىلەن راھىلەخان پىلانلىق تۇغۇت تۈزۈملىرىگە رىئايە قىلىپ ئۈچ پەرزەنتلىك بولدى، بىرى قىز، ئىككىسى ئوغۇل. تۇنجى پەرزەنتى ئوغۇل بولۇپ، ئۇنىڭغا «سادام» دەپ ئىسىم قويدى. ئوتتۇرانچىسى قىز بولۇپ ئۇنىڭغا «رابىيە» دەپ ئىسىم قويدى. كەنجى ئوغلىغا بولسا «ئاراپات» دەپ ئىسىم قويدى.

ئەلۋەتتە ئوسمان ئىمامنىڭ نەۋرىللىرىنىڭ ئىسىملىرىمۇ مەھەللە ھەتتا پۈتكۈل يېزا بويىچە ئۆزگىچە بولۇپ، بۇ ئىسىملار قانداقتۇر ئۆزلۈكىدىنلا تېپىلىپ، قويۇلۇپ قالمىغان ئىسىملار ئىدى. بۇ ئىسىملار تەبىئىيكى شۇ يىللاردىكى جاھاننى ۋە ئۆزىمىز ياشىغان تۇپراقلارنى زىل- زىلگە سالغان ئاتاقلىق شەخسىلەرنىڭ نام - شەرىپلىرى ئىدى.

گەرچە قادىر قارىم ئوتتۇرا مەكتەپنى تۈگەتكەن، رائىلەخان باشلانغۇچقىچە ئوقۇغان بولسىمۇ ئەمما بۇ ياش ئائىلىنىڭ ئۆزى ياشاۋاتقان دۆلەتنى ۋە دۇنيانى بىلىشى ئېڭى خېلە روشەن ئىدى. ئۇلار مەھەللە بويىچە ئۆز- تەڭ تۇشلىرى ئارىسىدا تۇنجى بولۇپ تېلېۋىزور سېتىپ ئالغانلىقى ئۈچۈنمۇ ئەنە شۇ تېلېۋىزوردىكى خەۋەرلەردىن شۇنداق بىلىملەرگە ئىگە بولالايتتى.

قارىلارغا خاس بولغان سىلىق - سىپايىلىق، مىجەزىنىڭ يۇمشاقلىقى، ئاق كۆڭۇللىكى، كىشىلەرگە قىلىدىغان ياخشى مۇئامىلىلىرى بىلەن قادىر قارى مەھەللىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر يىگىتلەردىن ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇنىڭ مەھەللىدە دوستلىرىمۇ كۆپ ئىدى. بولۇپمۇ بېرىش - كېلىش قىلىدىغان دوستلىرى ئۇلار تېلېۋىزور ئالغاندىن كېيىن كۆپىيىشكە باشلىدى. قارىمنىڭ دوستلىرى ھەر ئىككى - ئۈچ كۈندە دېگىدەك كېلىپ ئۇلارنىڭ ئۆيىدە بىر- ئىككى سائەتلەپ ئولتۇرۇپ تېلېۋىزور كۆرۈپ كېتەتتى. بۇ ئاي - بۇ كۈنلەردە تېلېۋىزوردا ئىراقنىڭ دۆلەت باشلىقى سادام ھۆسەيىننىڭ كۈۋەيىتكە ھۇجۇم قىلىشى، ئارقىدىن ئامېرىكىنىڭ ئىراقنى بومباردىمان قىلىش ئۇرۇشلىرى ئەڭ قىزىق خەۋەرلەرگە ئايلانغان ئىدى. ئىراق بۇ ئۇرۇشتىن نەچچە يىللار بۇرۇن ئۇيغۇرلارغا خېلە تونۇشلۇق بىر دۆلەت بولۇپ، شۇ يىللاردىكى رەئىس تۆمۈر داۋامەتنىڭ ھۆكۈمەت ئۆمىكى بىلەن ئىراققا زىيارەتكە بېرىپ سادام ھۆسەيىن بىلەن كۆرۈشكەنلىكى ئالاھىدە خەۋەر قىلىنغان ئىدى. كېيىن بىر يىلغا سوزۇلغان ئىراق - ئامېرىكا ئۇرۇشلىرىمۇ ئاخىر تىنچىدى. شۇ كۈنلەردە رائىلەخاننىڭ ئاي كۈنى توشۇپ يەڭگىدى. ئۇ ئوغۇل تۇغدى. ئوسمان ئىمام ئۆز قولى بىلەن نەۋرىسىگە ئەرزان توۋلاپ كەنجى ئوغلىنىڭ رايى بويىچە «سادام» دەپ ئىسىم قويۇپ بەردى.

بۇ كۈنلەردە بۇ يۇرت ياشلىرىنىڭ ناماز ئوقۇش، دېھقانچىلىق قىلىش، ھايۋان بېقىشتىن باشقا بىردىن بىر مەنىۋىي پائالىيىتى بەلكىم تېلېۋىزور كۆرۈش بولسا كېرەك چۈنكى تېلېۋىزور كۆرۈش ئارقىلىق دۇنيادىكى ئىشلارنى بىلەلەيتتى. ئۇ مەشرەپ ئويناشتىن ياكى كەنت مەكتىپىدە ئېچىلىۋاتقان ساۋات تۈگىتىش مەكتەپلىرىگە بېرىشتىن مىڭ كۆڭۈللۈك ئىش ئىدى.

راسىت ئۇلار تېلېۋىزورنى كۆپ كۆرەتتى. «ئىشىكىنى سىرىتقا ئېچىۋېتىش، بازار ئىگىلىكى تىكلەش، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش… » دېگەن قانداقتۇر چۈشىنىكسىز گەپلەرنى تېلېۋىزوردىن تەكرار ئاڭلايتتى. بىر كۈنى ئوسمان ئىمام ئوغلىنىڭ ئۆيىگە كەچلىك تاماققا تەكلىپ قىلىنغان ئىدى. ئۇلار تاماقتىن كېيىن بىللە تېلېۋىزور كۆردى. ئۇ ئوغلىغا ئۆيىگە قايتىدىغانلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن تېلېۋىزور ئۆچۈرۈلدى. شۇ ئەسنادا ئۇ ئوغلىدىن سورىدى:

- بالام مۇشۇ جاھان ئەينىكىدە ئىشىكىنى سىرىتقا ئېچىش، بازا تىكلەش دېگەندەك گەپلەرنى تولا دەيدۇ، بۇ قانداق گەپ؟ بىر دۆلەتنىڭمۇ تاقايدىغان، ئاچىدىغان ئىشىكى بولامدۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا شۇ ئىشىكلەر بەك چوڭدۇ ھە؟ - دېدى. ئوسمان قارى ۋە ئايالى رائىلەخان بۇ گەپنى ئاڭلاپ تەڭلا كۈلۈشتى.

بۇ كۈنلەردە دېمىسىمۇ بۇ خىلدىكى بازار ئىگىلىكى، ئىسلاھات ھەققىدە تېلېۋىزورلاردىن خەۋەرلەر ئۈزۈلمەي بېرىلىپ تۇراتتى. مەھەللە - كەنتلەرنىڭ ئورۇلۇپ چۈشۈشكە ئاز قالغان ئەسكى تاملىرىمۇ بۇ خىلدىكى شۇئارلاردىن قۇرۇق قالمىغان ئىدى. بىر كۈنى تېلېۋىزوردا «ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدىن چىققان تۇنجى مىليونېر ئايال رابىيە قادىر … رابىيە قادىر مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خەلق ۋەكىلى بولۇپ سايلاندى … رەئىس جاڭ زېمىننىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشتى … ئۇ تىجارىتىنى گازىر، پايپاق سېتىشتىن باشلىغان ئىدى… ئۇ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭلا ئەمەس، پۈتۈن جۇڭگو ئاياللىرىنىڭ شەرەپلىك ئۆگنىش ئۈلگىسى… » دېگەن خەۋەرلەر بىر مەزگىل ئۈزۈلمەي تېلېۋىزورنى بىر قاپلىدى. ئەلۋەتتە نامراتلىقنىڭ ئەلەملىرىنى بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر تارتىۋاتقان كىچىك دوڭ مەھەللە دېھقانلىرى ئۈچۈن بۇ كىشىنى خوش قىلىدىغان، كەلگۈسىگە ئۈمىت، ئۆزلىرىگە ئىشەنچ ئاتا قىلىدىغان بىر كاتتا خوش خەۋەر بولۇپ ھېسابلىناتتى. رائىلەخاننىڭ ئاي - كۈنى تولۇپ ئىككىنچى پەرزەنتىگە كۆزى يورىدى. ئۇ قىز تۇغدى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇلار قىزلىرىنىڭ چوڭ بولغاندا رابىيە قادىرغا ئوخشاش ھۆرمەتكە سازاۋەر، باي، مىليونېر بولۇشىنى تىلەپ، بۇ كۈنلەردە ئەڭ كۆپ ئاڭلىغان بۇ شەرەپلىك ئىسىم «رابىيە» نى قىزىنىڭ ئىسىمى قىلىپ قويدى…

كەنجى ئوغلىغىمۇ ئوخشاشلا تېلېۋىزوردا ئاڭلاپ قۇلاقلىرىغا كۆنۈپ كەتكەن پەلەستىن ئازاتلىق تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى ياسار ئاراپاتنىڭ ئىسمىنى ئىسىم قىلىپ قويدى. مانا بۇ ئوسمان ئىمام نەۋرىلىرى ئىسىملىرىنىڭ قانداق قويۇلغانلىقى ھەققىدىكى ھېكايە ئىدى ئەمما بۇ ئىسىم قويۇش ھېكايىسى بۇنىڭ بىلەنلا تۈگىمىدى. تەبىئىيكى مەلۇم بىر كېلەچەكتە زاماننىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ بۇ شەرەپلىك ئىسىملارنىڭ بىر ھۆكۈمەتنىڭ نەزىرىدە ئەڭ قورقۇنۇچلۇق، ھەتتا پۇقرالىرىمۇ ئېغىزىدىن چىقىرىشتىن قورقۇدىغان بىر گۇناھكار ئىسىملارغا ئايلىنىپ قېلىشىنى، جۈملىدىن بۇ ئىسىملار سەۋەپلىك ئوسمان ئىمام ئائىلىسىگە بىر مەيدان بالا - قازالارنىڭ كېلىشىنى ھىچ بىر كىشى تەسەۋۋۇر قىلالمايتتى.


* * * * * *

يېقىنقى يىللاردىن مەھەللىنىڭ بولسۇن ياكى ئائىلىسىنىڭ بولسۇن، ھىچ بىر ئىشلار ئوسمان ئىمامنىڭ قاياشىغا يارىشا بولماي خاتىرجەملىكنى بۇزۇۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئۇستىگە ئىمامغا خېلىلا قېرىلىق يېتىپ قالغان ئىدى. بىر قانچە يىل ئىلگىرى يېزا باشلىقلىرىنىڭ ۋە مەھەللە مويسىپىتلىرىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ئوسمان ئىمام كەنجى ئوغلىنى ئۆزىگە ۋارىس قىلىپ بېكىتىپ مەھەللە مەسچىتىنىڭ ئىماملىق ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۇپ بېرىپ، ئۇزۇن يىللىق ئارزۇ - ئارمىنى ئەمەلگە ئېشىپ كۆڭلى ئارام تاپقان ئىدى. ئەمما ئۇنىڭ كۆڭلى يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان ئۇ قەدەر خاتىرجەم ئەمەس. ئەتىراپىدا بولۇۋاتقان ئۆزگىرىشلەردىن ئىمام نارازى ئىدى. ئۇ بەزىدە مەھەللىدىكى يالاڭ باشتاق، بېشىغا چاچ قويۇۋالغان، قولىدىن سىگارېت چۈشۈرمەيدىغان، چوڭلارغا سالام قىلمايدىغان ئوغۇل بالىلارنى ياكى تار ئىشتان كىيىۋالغان، بېلىنى يېرىم - يالىڭاچ ئوچۇق قويغان، بېشىغا ياغلىق ئارتمىغان قىز بالىلارنى كۆرسە «ھەي ئىسىت مۇسۇلماننىڭ بالىلىرى! ئەۋلادلار مۇشۇ قەدەر بۇزۇلۇپ كەتتىمۇ؟ بالىلىرىمىزنىڭ كىيىمىدىن قايسىسىنىڭ قىز، قايسىسىنىڭ ئوغۇل ئىكەنلىكىنى بىلەلمىسەك بۇ نېمە ئىش ئەمدى؟ بىزدىكى ئىمان، شەرمى ھايا، بىزدىكى شەرىئەت، بىزدىكى ئېسىل ئەخلاقلار قېنى؟ …» دەپ چېچىلىپ، ئۆز - ئۆزى قايناپ سۆزلەپ كېتەتتى.

بولۇپمۇ ئوسمان ئىمامنى ئەڭ كۆپ خاپا قىلىۋاتقان ئىش يېقىندا ناھىيىلىك دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن پۈتۈن ناھىيە بويىچە ئېلىپ بېرىلغان «بەشتە ياخشى ئىمام» لارنى باھالاپ بېكىتىش شامىلىغا ئۇچراپ كەتكەن ئوغلىنىڭ شۇ باھالاشتا «بەشتە ياخشى ئىمام» بولۇپ باھالىنالمىغانلىقى ئىدى. مۇشۇ سەۋەپتىن ئوغلىنىڭ ئىماملىق قىلىش كېنىشكىسى بېرىلمەي ئىماملىق قىلىش ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇش خەۋپىنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتاتتى.

يىللار ئادەم مەيلىگە ھىچ باققان ئەمەس. ئادەملەر ۋاقىتنىڭ ئۆلچىمى ھېسابلىنىدىغان يىللار بۇ دۇنيادىكى ھەممە نەرسىنى كونىرىتىشقا قادىردۇر. ئۇ ناتىۋان شوخ بالىلارنى ئۆزلىرىمۇ تۇيمىغان بىر ۋاقىت ئىچىدە قىز - يىگىتكە ئايلاندۇرسا يەنە شۇ قىز ۋە يىگىتلەرنى مەلۇم بىر ۋاقىت ئىچىدە بوۋاي ۋە مومايلارغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. مانا بىزنىڭ بۇ ياش ئىمامىمىز قادىر قارىم بۇ يىل ھاياتنىڭ 38- باھار لەززىتىنى سۈرمەكتە.

قادىر ئىمام بىلەن رائىلەخان بالىلىرىنى چوڭ قىلپ قاتارغا قوشۇش ئۈچۈن بۇ يۈرەك پارىلىرىنىڭ ئوتىدا ئوت كۆيدى، سۈيىدە سۇ بولۇپ ئاقتى. ئۇلار ئۆزلىرى ھەر قانچە جاپا تارتسىمۇ بالىلىرىنى ئوقۇتتى. مانا بۇ يىل چوڭ ئوغلى سادام تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرۇپتۇ. ئوتتۇرانچى قىز رابىيە ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا ئىچكىرىدىكى بىر خەنزۇ تىلى تولۇق ئوتتورا مەكتىپىدە ھەقسىز ئوقۇشقا قوبۇل قىلىندى. ئاراپات بولسا تېخى مەھەللىدىكى «قوش تىللىق» باشلانغۇچ مەكتەپنى بۇ يىل پۈتتۈرىدۇ.

بۇ يىل رامىزان ئېيى كىرگەندىن بۇيان قادىر ئىمام خېلىلا ئالدىراش بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇ ھەر كۈنى دېگۈدەك مەھەللە جامائىتىگە ئىماملىق قىلىپ بەش ۋاق نامازنى مەسچىتتە ئوقۇيتتى. كەچتە خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن رامىزان تەرەۋىسى ئوقۇيتتى. بۇ يىل بۇ كىچىككىنە مەسچىت ئالاھىدە ئاۋاتلىشىپ كەتكەن بولۇپ بۇرۇنقىغا زادىلا ئوخشىمايتتى. مەسچىتكە كېلىپ ناماز ئوقۇيدىغان ئادەملەرنىڭ بولۇپمۇ ياشلارنىڭ تىزدىن كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ بۇ مەسچىتنى باشقۇرۇشقا يېزىدىن كەلگەن ساقچى ۋە كادىرلىرىنىڭ سانىمۇ كۆرۈنەرلىك ئىدى. ئۇلار نۆۋەت بىلەن مەسچىتكە كىمنىڭ كىرىپ كىمنىڭ چىقىۋاتقانلىقىنى نازارەت قىلاتتى. ئەگەر ئۇلار يېشى كىچىكرەك ياكى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى دەپ گۇمان قىلغان ھامان شۇنداق ياشلارنىڭ كىملىكلىرىنى تەكشۈرەتتى ياكى مەسچىتكە كىرىشىنى توساتتى. ئىشقىلىپ بامدات نامىزىدىن تارتىپ خۇپتەن نامىزىغىچە مەسچىتنىڭ ئالدىدىن نازارەت قىلغۇچىلارنىڭ ئايىقى ئۈزەلمەيتتى.

قادىر ئىمامغا بۈگۈن ھاردۇق خېلىلا يەتكەن ئىدى. ئۇ تەرەۋى نامىزىنى ئوقۇپ تۈگەتكەندىن كېيىن جامائەت بىلەن تىزلا خوشلىشىپ مەسچىت ھويلىسىدىن ئايرىلدى دە ئاتىسى ئوسمان ئىمامنىنى بېقىنىدىن يېتىلەپ تار، توپا يولدا قول چىرىغىنى ياندۇرۇپ ئاۋايلاپ مېڭىپ ئۆيىگە قايتىپ كەلدى. ئاتا - بالىنىڭ ئۆيىنىڭ ئارىلىقى يېقىنلا ئىدى. قادىر ئىمام ئاتىسىنىڭ ئۆيىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كېلىپ دەرۋازىنىڭ كىچىك يان ئىشكىنى ئاچتى. ئاتىسىنى ساق - سالامەت ئۆيى ئىچىگە ئەكىرىپ قويغاندىن كېيىن ئامان - ئېسەنلىك تىلەپ خوشلاشتى دە ئۇدۇل ئۆز ئۆيىگە راۋان بولدى.

سەھرانىڭ كۈندىزىلا ئەمەس كېچىسىمۇ گۈزەل. بۇ گۈزەللىك شۇنداق تەبىئىيكى ئەمدىلا پۈتۈن بولۇشقا باشلىغان تولۇن ئاي ئەزەلدىن كوچا چىرىقى ئۆرنۇتۇلۇپ باقمىغان بۇ مەھەللىنىڭ تار - توپلۇق يوللىرىغا ئۆزىنىڭ سۈتتەك نۇرىنى سېخىلىق بىلەن تۆكۈپ تۇراتتى. مۇنداق جىمجىت كېچىلەردە ئات- ئېشەكلەرنىڭ، ئىت- مۈشۈكلەرنىڭ ئاۋازلىرىدىن تارتىپ چېكەتكىلەرنىڭ ئاۋازلىرىغىچە كېلىۋاتقان بارلىق تەبىئي ئاۋازلار كىشىگە بۇ يۇرتنىڭ كېچىدىمۇ ئۇيقۇدا ئەمەس، ئويغاق ئىكەنلىكىنى ئەسكە سالاتتى. بەلكىم بۇ كېچىنىڭ گۈزەللىكى بىزگە ھازىر ئادەملەر بىلەن تەبىئەتنىڭ ئۇچرىشىۋاتقان بىر كۆرۈنىشىنى نامايان قىلىۋاتقان بولسا كېرەك، جىمجىتلىققا ئىچىگە مۆكۈنگەن ھاياتلىقنىڭ باش باھاردىكى بىخلىرى سۈتتەك ئايدىڭ كېچىلەردە تىنىمسىز بىخلىنىۋاتاتتى. ئۇپۇق سۆيگەن ئانا زېمىننىڭ چوڭقۇر قاتلىرىدىن كېلىۋاتقان پۇراقلار بۇ يېزىغا پات يېقىندا باھارنىڭ كېلىدىغانلىقىدىن كۈچلۈك بىر بىشارەت بېرەتتى.

يېزا دېگەندە ئەتىياز ۋاقىتدا دېھقانلار ئاسانلا ئۈزۈلۈپ كېتىدۇ، بولۇپمۇ روزا - رامزان ئايلىرىدا تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ. راھىلەخان بۈگۈن كەنجى ئوغلى ئاراپاتنى ۋېلىسىپت بىلەن قوشنا مەھەللىدىكى سەلىم باققالنىڭ ئۆيىگە ئەۋەتىپ مېۋە - چېۋىلەر كەلتۈرگەن ئىدى. رامزان باشلانغاندىن بۇيان قادىر ئىمامنىڭ مەھەللىدىكى ئۈچ- تۆت تەڭتۇش دوستلىرى ھەر ئىككى كۈندە دېگۈدەك تەرەۋىدىن يانغاندىن كېيىن بىرسىنىڭ ئۆيىگە يىغىلىپ بىر قانچە سائەت بىللە ئىبادەت قىلغاچ، ئۆز -ئارا دىنىي بىلىملەرنى ئۆگەنگەچ دۇنيانىڭ پاراڭلىرىنى قىلىشىپ ھەم سۆھبەتتە بولۇشاتتى. مانا شۇ قائىدىلەر بويىچە بۈگۈن كەچلىك سۆھبەت قادىر ئىمامنىڭ ئۆيىدە بولاتتى. مېھمانلارنىڭ كېلىدىغان ۋاقتىمۇ بولۇپ قالغان ئىدى. كۈندۈزدىن بېرى راھىلەخان يولدىشىنىڭ بۇ ئەزىز دوستلىرى ئۈچۈن تەييارلىقلار قىلىپ ئۈلگۈردى.

باغلاقتىكى ئىت غەزەپ بىلەن قاۋاپ ئۆيگە مېھمان كەلگەنلىكىدىن بىشارەت بەردى. قادىر ئىمام ئالدىراش ھويلىغا چىقىپ دوستلىرىنى كۈتۈۋالدى.

- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! - دېدى كەلگەن مېھمانلار ئارقا - ئارقىدىن.

- ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! قېنى، قېنى، تارتىنماي ئۆيگە كىرىڭلار، مەرھەمەت! - دەپ مېھمانلارنى ئۆيگە باشلىدى ئىمام. بۈگۈن كەلگەن مېھمانلار تۆت كىشى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ھەممىدىن بۇيى ئېگىزى، ئىنچىكە كۆرۈنگىنى ئازات، بويى ئانچە پەسمۇ ئەمەس ئەمما قامەتلىك كۆرۈنگىنى زىياۋۇدۇن، قالغان ئىككىسىنىڭ بوي تۇرقى ئاساسەن ئوخشا بولۇپ بىرسىنىڭ ئىسىمى ساۋۇت، يەنە بىرسىنىڭ ئىسىمى مەھمۇت ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى قادىر ئىمامنىڭ بالا ۋاقىتلىرىدىن تارتىپ بىللە ئويناپ، مەكتەپتە بىللە ئوقۇپ چوڭ بولغان مەھەللىدىكى ئەڭ قەدىناس دوستلىرىدىن ئىدى. ئۇلار ئالدىراش ئاياغلىرىنى سېلىشىپ مېھمانخانا ئۆينىڭ تۆرىسىدىن ئورۇن ئالدى ۋە دۇئاغا ھەممىسى تەڭلا قول كۆتۈرۈشتى. تەكەللۇپلار بىلەن ئۆز - ئارا تىنىچ - ئامانلىق سوراشقاندىن كېيىن ئۇلار بۈگۈنكى سۆھبىتىنى باشلاشقا ھازىرلاندى.

مېھمانلار ئالدىغا سېلىنغان دەستىخان مول بولۇپ قاتتىق قۇرۇق يەل يېمىشلەردىن تارتىپ مېۋە - چېۋىلەرگىچە، تاتلىق تۈرمىلاردىن تارتىپ نان - توقاچلارغىچە، ئىشقىلىپ دېھقان ئۆيى بولۇشىغا قارىماي داستىخاندىكى نېمەتلەر بول ئىدى. راھىلەخان مېھمانلارغا چاي تۇتتى. داستىخانغا بېقىشقا ئۈندىدى. كەنجى ئوغۇل ئاراپاتمۇ ئاپىسى بىلەن تەڭ يۈگرەپ ياردەملىشىۋاتاتتى.

- خوش، ئۇنداقتا بۈگۈن بىز «قىسەسسسۇل ئەنبىيا» نىڭ ئالدىنقى قېتىم توختىتىپ قويغان يېرىدىن باشلاپ بىردەم ئوقۇشنى داۋام قىلامدۇق؟ -دېدى ياش ئىمام ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆينىڭ بىر بۇلۇڭىدىكى شىرە ئۇستىگە تىزىقلىق تۇرغان كىتابلارغا قول ئۇزۇتۇپ.

- شۇنداق قىلايلى. ئالدىنقى قېتىمدا بۇ كىتابنىڭ 5- قىسسەسىگە كېلىپ توختاپ قالغان ئىدۇق، - دېدى ئىمام سۇنغان قېلىن كىتابنى ئىككى قولى بىلەن ھۆرمەت بىلدۈرۈپ ئالغان زىياۋۇدۇن ئۈنلۈك ئاۋازدا.

زىياۋۇدۇن كىتابنى ئۈنلۈك ئوقۇشقا باشلىدى.

«5- قىسسە ھەزرىتى نۇھ ئەلەيھسسالام ۋەقەلىرىنىڭ بايانى….. ھەزرىتى نۇھ ئەلەيھسسالامنىڭ ئەسلى ئېتى لەمەك بولۇپ، كۆپ يىغلىغان سەۋەپتىن نۇھ دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ تولا يىغلىشى تۆۋەندىكى ئۈچ سەۋەپتىن ئىدى. بىر كۈنى شەيتان لەئىن كېلىپ نۇھ ئەلەيسالامغا بەكمۇ مىننەتدارلىق بىلدۈردى….. »

شۇ دەقىقىلەردە ھويلىدىكى ئىتنىڭ غەزەپ بىلەن قاۋىغان ئاۋازىغا قوشۇلۇپ ئىشىكنىڭ قاتتىق ئۇرۇلۇشى بىلەن تەڭ خۇددى قىيامەت قايىم بولغاندەك ئىمامنىڭ ئويى پات پاراقچىلىققا تولدى.

- دەرھال ئىشىكنى ئېچىش … بىز ساقچى!!!

ساقچىلار ئىشىكنىڭ ئوي ئىگىلىرى تەرىپىدىن ئېچىلىشىنى كۈتۈپ تۇرمايتتى… تېپىكلەر، مىلتىقنىڭ ۋە كالتەكلەرنىڭ يەنە قانداقتۇر قوراللارنىڭ ئىشىككە غەزەپ بىلەن ئۇرۇلىشى بىلەن ئىشىك قاراسلاپ يېرىلدى، ئۇلار ئۆي ئىچىگە بۆسۈپ كىرىشتى.

- مىدىرلىما! ھەممىڭ قولۇڭنى كۆتۈرۈش! - دەپ ۋارقىراشتى ئۇلار قۇرال ۋە كالتەكلىرىنى ھاۋادا پۇلاڭلىتىپ . قول چىرىقى بىلەن تەڭ تاپانچا، ئاپتۇمات، توك كالتەكلەر ئۆيدىكى ھەممە ئادەمنىڭ بېشىغا تەڭلەكلىك ئىدى. ئەلۋەتتە بۇ كىچىككىنە ئۆينىڭ ئىچى بۇ كېچىدە كەلگەن كۈتۈلمىگەن مېھمانلار بىلەن لىق تولغان. ئۇلار جەمى سەككىز كىشى بولۇپ ئارىدىن ئۈچ كىشى ئادەتتىكى پۇقراچە كىيىم بىلەن، قالغانلىرى سېرىق رەڭلىك ئەسكەر كىيىم بىلەن ئىدى. ئۈچ ئەسكەر ئۆينىڭ بۇلۇڭىدىكى شىرە ئۇستىدە تىزىقلىق تۇرغان بارلىق كىتابلارنى ۋە ھېلىدىن يىگىتلەر ئوقۇۋاتقان كىتابنى، تېلېۋىزور يېنىدىكى بىر قاپچۇق ئىچىگە تىزىقلىق تۇرغان بىر قانچە ئۈن - سىن پلاستىنكىلىرىنى ئىشقىلىپ ئۆي ئىچىدە ساقچىلار ئېلىپ كېتىشكە قىزىققان، گۇمانلانغان ھەممە نەرسىلەرنى يىغىپ بىر تاغارغا سېلىشتى … بۇ ئەسكەرلەر بىر - بىرلىرىگە خىتايچە بىر نېمىلەرنى دېيىشەتتى. كېچە بولغاچقا ھەم ئۇلارنىڭ كىيىۋالغان كىيىملىرىنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بولغاچقا بۇ ساقچى - ئەسكەرلەر ئارىسىدىن بىر- ئىككىسىلا ئۇيغۇرچە گەپ قىلغاچقا ئۇلارنىڭ مىللەت تەركىبىنى بىلىش قىيىن ئىدى. قىسقىسى قادىر ئىمام ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى بۈگۈن تۇتقۇن قىلىنغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قولىغا سېلىنغان كويزىلار ئاي شولىسىدا يالت- يۇلت قىلىپ چاقنايتتى. ئۇلار مىلتىق ۋە كالتەكلەرنىڭ يۈز - كۆزلىرىگە ئۇرۇلۇشى بىلەن تەڭ ساقچى ئاپتوبۇسىغا ياللاپ چىقىرىلدى. ساقچى ئاپتوبۇسى يېزىنىڭ توپا يوللىرىدا ئارقىسىدىن بوران چىقىرىپ ئالدىغا يۈرەتتى. قەيەردىندۇر كېلىۋاتقان ئىتلارنىڭ قاۋاشلىرى، ئېشەكلەرنىڭ ھاڭراشلىرى خۇددى ئاپتوبۇسىنىڭ تۆت چاقىدىن ئۈزۈلمەي چىقىۋاتقان چاڭ توزانغا ئوخشاش ئانچە ئۇزاق ئۆتمەيلا تۈن قاراڭغۇلۇقى ئىچىدە غايىپ بولاتتى.

قادىر ئىمام بىلەن بىلەن ئۇنىڭ دوستلىرى تۆنۈگۈن كېچىنى تۈرمىدە ئۆتكۈزدى. ئىككىنچى كۈنى چۈشكە يېقىن بىر گۇندىپاي كېلىپ قادىر ئىمام سولانغان كامىرنى ئاچقۇچىنى شاراقشىتىپ ئاچتى ۋە ئۇنى ياللاپ باشقا بىر خانغا ئەكىردى.

- ئىسمىڭ نېمە؟

- قادىر ئوسمان.

- ئايالىڭ بارمۇ؟

- بار.

- قانچە بالاڭ بار؟

- ئۇچ.

- بالىلىرىڭنىڭ تولۇق ئىسىم - فامىلىسىنى ئېيتە؟!

چىرايىدىن ئەمدىلا يىگىرمە ياشلارغا ئولاشقانلىقى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان بۇ ياش سوراقچى بىلەن جىنايەت گۇماندارى قادىر ئىمام ئوتتۇرسىدىكى سۆھبەت مانا مۇشۇنداق داۋاملىشىۋاتاتتى. بۇ يەرنىڭ يەر ئۇستىمۇ ياكى يەر ئاستىمۇ ۋەياكى قانداق بىر يەر ئىكەنلىكىنى ئىمام ھىچ ئاڭقىرالمايتتى. تۆنۈگۈن كېچىدە ئۇلار تۇتقۇن قىلىنىپ ساقچى ماشىنىسى بىلەن نامەلۇم بىر يەرگە ئاپىرىلدى ئاندىن بېشىغا تاغار كىيدۇرۇلۇپ، باشقا بىر ماشىنىغا ئولتۇرغۇزۇپ يەنە بىر نامەلۇم يەرگە ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. ئۇلار ئايرىم ئايرىم كامارلارغا سولانغان بولۇپ، سۇدىن باشقا ئۇلار يەيدىغان ھىچ نەرسە بېرىلمىگەن ئىدى.

- چوڭ قىزىمنىڭ ئىسمى رابىيە قادىر.

- نېمە دېدىڭ؟ - سوراقچى ساقىچى ئورنىدىن دەسسىدە چاچراپ تۇرۇپ كەتتىدە ئولتۇرغان ئورۇندۇقنى پۇتى بىلەن تېپىپ چۆرۈۋەتتى. ئۇ قادىر ئىمامنىڭ ئالدىغا ھەيۋە بىلەن يۈگۈرۈپ كەلدى ۋە بىگىز بارمىقىنى ئۇنىڭ پېشانىسىگە نوقۇپ تۇرۇپ، - يەنە بىر ئېيتە، چوڭ قىزىڭنىڭ ئىسمىنى؟ - دېدى سوراقچى ۋارقىراپ تۇرۇپ.

- رابىيە قادىر! - دېدى قادىر ئىمام. ئۇنىڭ ئاۋازى بوغۇق، گېپى كەمتۈك چىقىۋاتاتتى.

- سەن موللىلار شۇ قەدەر ھەددىڭدىن ئېشىشتىڭكى ھەتتا بالىلىرىڭنىڭ ئىسمىلىرىغىمۇ ھىچ ئەيمەنمەستىن چەتئەلدىكى ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ، مىللىي بۆلگۈنچى، ئېكسترىمىست، تېرورېىست كاتىۋاشلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى قۇيۇشقا پېتىنىشتىڭ! سەنلەر ئۇلۇغ پارتىيىگە، ئۇلۇغ جۇڭخۇا مىللىتىگە قارشى چىقىشتىڭ. بىز سەنلەردىن بۇنىڭ جاۋابىنى بىر بىردىن بىر ئالىمىز….. ، - دېدى بۇ ساقچى تۈكۈرۈكىنى چاچرىتىپ ئاۋازى پۈتۈپ قالغۇچە ۋارقىراپ. ئۇ يەنە ئورۇندۇققا قايتىپ باردى. يېنىدا ئولتۇرغان ئوتتۇرا ياشلاردىكى خىتاي ساقچىغا خېلە ئۇزاق خىتايچە بىر نىمىلەرنى دېدى. قادىر ئىمام ئۇلارنىڭ گەپلىرى ئارىسىدىن پەقەت «رېبىيا كادېر» دېگەن سۆزنىلا چۈشەندى.

سوراقخانا ئىچىدە بۇ ئۇيغۇر زۇۋانلىق ساقچىنىڭ كومپىيۇتېر كونۇپكىسىنى كۈچەپ ئۇرۇپ خەت يېزىۋاتقاندا چىقىۋاتقان «تاراق، تۇرۇق …» ئاۋازىدىن باشقا ھىچ بىر ئاۋاز ئاڭلانمايتتى. ھېلىقى يېنىدا ئولتۇرغان خىتاي ساقچى بولسا بۇرنىدىن تۇرخۇندىن چىقىۋاتقان ئىسقا ئوخشاش ئىس چىقىرىپ، تاماكىسىنى توختىماي شورايتتى.

«بۇ جاھان نېمە دېگەن تەڭشەلمىگەن جاھان ھە؟ مېنى ئاتام كىچىك ۋاقتىمدا ئۆزىگە ئوخشاش موللام قىلىمەن دېمەي يوقۇرى مەكتەپكىچە ئوقۇتقان بولسا، مەن مۇشۇ تاپتا بۇ خىتايلارنىڭ ئۆزۈم ھەققىدە نېمە دىيىشىۋاتقالىغىنى بىلگەن بولسام، ئاۋۇ سولتەكتەك مەنمۇ كومپيوتېر ئىشلىتىشنى بىلگەن بولسام ھە…. توۋا بۇ ئۆمرۈمدە مۇشۇ نەرسىنى تۇتۇپمۇ باقماپتىمەن… قىزىم رابىيە ماڭا مۇشۇ نەرسىدىن بىرنى ئېلىپ بېرىڭ دەپ جېدىلىنى قىلدىغۇ نەچچە قېتىم… ھەي بىز ئوقۇمىغان دېھقان خەق نېمە دېگەن بىلەن ھەر يەردە قېقىلىدىكەنمىز، بوزەك قىلىنىدىكەنمىز ھەي ….» - دەيتتى قادىر ئىمام ئۆز -ئۆزىگە بۇ سۈكۈتكە پاتقا جىمجىتلىقى ئىچىدە ئۇھسىنىپ.

سوراقچى ساقچى كومپيوتېرگە خېلە ئۇزاق بىر نىمىلەرنى يېزىپ توختىدى. ئۇ يەنە شۇ ئوخشاش قوپال ئاۋازى بىلەن گەپ باشلىدى.

- قېنى قالغان ئىككى بالاڭنىڭ ئىسىملىرىنى ئېيتە؟

- ئوتتۇرانچى ئوغلۇمنىڭ ئىسمى سادام قادىر. ئەڭ كىچىكنىڭ ئىسمى ئاراپات قادىر.

- پاھ - پاھ بالىلىرىڭغا قويۇۋالغان ئىسىملىرىڭغا قارا. سەن ئەسلى تۈپى سېپىدىن ۋاھابى، ئېكسترىمىست، مىللي بۆلگۈنچى، رادىكال، تېرورىستچى ئىكەنسەن. بالىلىرىڭغا قويغان ئىسىملىرىڭ بۇنى نەق ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. بىز سەندەك دىنىي تونغا ئورىنىۋالغان ئۇنسۇرلارنى تۇتالماي يۈرەتتۇق. سېنىڭ جىنايىتىڭ قەبىھكەن. بالىلىرىڭنىڭ ئىسىملىرى توغرىسىدا سەن بىلەن يەنە ئايرىم بىر سوراقلىشىمىز. بۈگۈن بۇ قېتىم ئۆتكۈزگەن ئېغىر جىنايىتىڭنى تولۇقى بىلەن ئىقرار قىل. سەن جىنايىتىڭنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسەن؟ بىزنىڭ رازۋېتچىكلىرىمىز سېنى ئۇزاقتىن بۇيان كۆزىتىپ كېلىۋاتاتتى. سەن مەھەللىنىڭ بېكىتكەن ئىمامى تۇرۇقلۇق كېچىسى ئۆيۈڭگە تالىپلارنى يىغىپ قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللاندىڭ. سەن بۈگۈنكى كۈندە قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ دۆلىتىمىز قانۇنىي بويىچە قانداق جىنايى جازالاشقا تارتىلىدىغانلىقىنى بىلەمسەن؟ سەنلەرنىڭ بۇنداق كېچىسى بىر يەرگە توپلىنىپ قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشىڭدىكى مەقسىتىڭ زادى نېمە؟ سەن ھەممىنى راستچىللىق بىلەن ئېيت! شۇنداق قىلساڭ كەڭچىلىككە ئېرىشىسەن. ئەگەر بىزنىڭ دېگىنىمىزدەك قىلمىساڭ قاتتىق جازالىنىسەن. قېنى ئېيتە؟

ئىككى قولى ئارقىسىغا قايرىلىپ ئولتۇرغان تومۇر ئورۇندۇقنىڭ بالداقلىرىغا كويزا بىلەن باغلانغان قادىر ئىمامنىڭ پېشانىسىدىن تەپچىپ چىقىپ بويۇنلىرىغا ئېقىۋاتقان ئاچچىق تەر تامچىلىرى چىراق نۇرىدا يالتىرايتتى. ئۇنىڭ چىرايىدىن بىلىنىپ تۇرغان ئەنسىزلىك كىشىگە گاس - گاچىلارنىڭ گەپ قىلالماي ئىشارەت قىلىپ ئۆز مەقسىتىنى بىلدۇرۋاتقان دەقىقىلەردىكى بىر ھالەتنى ئەسلىتەتتى.

- ساقچى ئۇكام، خاپا بولمىسىڭىز، مەن بىر ئېغىز گەپ قىلسام….؟! - قادىر ئىمام ئاۋازى تىترەپ چىقاتتى.

- ئېيتە قېنى، ئۆزەڭ قىلغان بۇ جىنايەتلىرىڭنى قانداق چۈشەندۈىسەن؟

- بىز ئىبادەت قىلمىغان…. ئۇلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ ئاغىنىلىرىم. بىز پەيغەمبەرلەر ھەققىدە يېزىلغان «قىسسەسۇل ئەنبىيا» دېگەن بىر كىتابنى ئوقۇۋاتاتتۇق. ئۇ كىتابنى مەن بىر ئاي ئىلگىرى شىنخۇا كىتابخانىسىدىن 120 كويغا سېتىپ ئالغان ئىدىم….

- ھە بەللى، ئىقرار قىلدىڭغۇ مانا. سەن پەيغەمبەر ھەققىدە كىتاپ ئوقۇغان بولساڭ شۇنىڭ ئۆزىلا سېنىڭ ئادەم توپلاپ قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللۇنۇپ قانۇنسىز دىنىي كىتاپلارنى ئوقۇغانلىغىڭنى ئىسپاتلاپ تۇرمامدۇ! - دېدى سوراقچى ساقچى كىنايە بىلەن ھىلجىيىپ تۇرۇپ.

- بىراق مەن ئۇ كىتابنى شىنخۇا كىتابخانىسىدىن ئالغان. قانۇنسىز كىتاپ بولسا ئۇ يەردە سېتىلماس ئىدى ئۇكام؟ - دېدى ئىمام ئاۋازىنى ئىمكان بار يۇمشاق چىقىرىشقا تىرىشىپ.

- سەن تېخى مەن بىلەن تاكاللىشىۋاتامسەن. بۇ يەرنىڭ قەيەر ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟ - دېدى سوراقچى ساقچى ھومىيىپ. ئۇ گېپىنى تۈگۈتە - تۈگەتمەيلا قادىر ئىمامنىڭ ئالدىغا ئېتىلىپ كەلدى ۋە ئۇنىڭ بىقىنلىرىغا، مەيدىسىگە تاكى پۇتى تېلىپ قالغۇچە تېپىشكە باشلىدى. بۇ ھالەت كىشىگە بىر غالجىر ئىتنىڭ تۇياقلىرى باغلانغان بىر يۇۋاش قوينى غەزەپ بىلەن چىشلەۋاتقاندىكى بىر كۆرۈنىشىنى ئەسلىتەتتى.


* * * * * *

شۇ كېچە قادىر ئىمام بىلەن بىللە بەش يىگىت ساقچىلار تەرىپىدىن يوشۇرۇن تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن كىچىك دوڭ مەھەللىسى چوڭقۇر سۈكۈتكە پاتقان ئىدى. گەرچە شۇ تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسى يۇز بېرىپ ئارىدىن ئۈچ ھەپتە ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ راھىلەخان يولدىشىنىڭ ئۈلۈك ياكى تىرىكلىكى ھەققىدە ھىچ قانداق بىر خەۋەر ئالالمىدى. راھىلەخاننىڭ ئېرىنى ئىزدەپ نەچچە قېتىم يېزا ساقچىخانىسىغا، ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىغا ھەتتا ناھىيىلىك «يىغىۋېلىپ تەكشۈرۈش» تۈرمىسىگىچە بېرىپ سۈرۈشتە قىلدى ئەمما نەتىجىسى ئوخشاش بولۇپ چىقتى. ھىچ بىر ئادەم قادىر ئىمام قاتارلىق كىچىك دوڭ مەھەللە يىگىتلىرىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى توغرىسىدا خەۋەر بەرمىدى.

ئەمما ئارىدىن بىر يېرىم ئاي ئۆتكەندە ياشىنىپ قالغان ئوسمان ئىمام ئائىلىسىدە كۈتۈلمىگەن بىر ئىسىم ماجراسى يۈز بەردى. ئۆزلىرىنى ناھىيىلىك دىنىي ۋە مىللىي ئىشلار ئىدارىسىدىن كەلدۇق دەپ تونۇشتۇرغان بىر قانچە كادىرلار بىلەن بىرگە يېزىنىڭ باشلىقى قوشۇلۇپ بىر توپ ئادەملەر ئون نەچچە ساقچى ۋە ئەسكەرلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا ئوسمان ئىمام ئائىلىسىگە ئالاھىدە خىزمەت بىلەن كەلگەن ئىدى.

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ئوغلىنىڭ دەردىدە ھاسا تاياققا چۈشۈپ قالغان سابىق مەھەللىنىڭ ئىمامى ئوسمان ئىمامنىڭ ئوغلى قادىر ئىمام تۇتۇپ كېتىلگەندىن ئىككى ھەپتە ئورنىدىن تۇرماي ئاغرىپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان ئىدى. بۇ بىر قانچە كۈنلەردىن بۇيان ئاز - تولا ئورنىدىن مىدىرلاپ يۈرسىمۇ ئەمما مىجەزى چۇس بولۇپ ئاسان ئاچچىقلايدىغان، كىملەرنىدۇر قارغاپ تىللايدىغان، ئۆز - ئۆزىگە تۇرۇپ - تۇرۇپلا سۆزلەپ كېتىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى.

- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئوسمان ئىمام، قانداق ئۆزلىرى سالامەت تۇرۇۋاتاملا؟ - دەپ ھويلا ئىچىگە بىرىنچى بولۇپ كىرىپ كەلگەن يالاڭ باشلىق، بويى پاكارراق، يۈز- كۆزىنىڭ سېمىزلىكىدىن بوينىنىڭ بار - يوقلىغىنى بىلگىلى بولمايدىغان، قورسىقى تاغدەك پومپىيىپ چىققان دىقماققىنە كەلگەن قىرىق ياشلارنىڭ يۇقىرىسىدىكى بۇ كادىر قولنى پېشايۋان ئاستىدىكى كات ئۇستىدە بېقىنغان تەكىيە يۆلەپ، كۆرپە ئۇستىدە يانپاشلىنىپ سوزۇلۇپ ياتقان ئىمامغا بېشىنى ئېگىپ تۇرۇپ سالام قىلغاچ، گۆشلۈك، دىقماق قوللىرىنى كۆرۈشۈشكە سۇندى.

- ۋەئەلەيكۇم سالام! خوش، بۈگۈن بىزنى يوقلاپ بۇ ياققا كېلىپ قاپلىغۇ ئۇكام؟ سىلە تۇتۇپ كەتكەن بالامنىڭ خەۋىرىنى ئېلپ كەلدىلىمۇ ھەر قايسىلىرى؟- دېدى ئوسمان ئىمام كادىرنىڭ كۆزىگە مىقتەك تىكىلىپ تۇرۇپ.

- ھە، ھە شۇنداق دېسەكمۇ بولىدۇ ئەمما بىز شۇ ئىشقا …ياق سىلىنىڭ نەۋرە بالىلىرىنىڭ ئىسىم مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى ۋە سىلىگە، سىلىنىڭ كېلىنلىرىگە ئىدىيىۋى خىزمەت ئىشلىگىلى كەلگەن ئىدۇق…. ، - دەپ گېپىنى توختاتتى كادىر.

- ھە يەنە نېمە ئىش ئۇ ئىدىيە - پىدىيە دېگەن گەپ؟ مېنىڭ نەۋرىللىرىمنىڭ ئىسمىغا جىن چاپلىشىپتۇ يا؟ گەپ بولسا بىز دېھقان خەق ئاڭلاشقا ھازىرمىز. ئۇكام گەپلىرىنى چەلپەكتەك يۆگەپ ئولتۇرماي ئوچۇق - ئۇچۇق دېمەملا قېنى. سىلە دېگەن پادىشاھنىڭ ئادىمى بولغاندىكىن ھە؟! -دېدى ئىمام كىنايە ئارلاش ئاۋازىنى يۇقىرىراق چىقىرىپ.

- ھە ئىمام، ئۆزلىرى ياشىنىپ قاللا، كايىمىسىلا. كايىمىسىلا، مەن سىلىگە چۈشەندۈرەي. ئىش مۇنداق بولۇۋاتىدۇ. پارتىيە ۋە ھۆكۈمىتىمىزنىڭ دىنىي سىياسىتى كەڭرى. مۇشۇنداق ياخشى سىياسەتتىن بىر قىسىم نادان ياشلار «ئۇچ خىل كۈچلەر» نىڭ تەشۋىقاتى بىلەن ئالدىنىپ قېلىپ يامان يولغا كىرىپ كېتىۋاتىدۇ. دىنىي نىقابقا ئورىنىۋېلىپ بىزنىڭ سىياسىتىمىزگە قارشى چىقىۋاتىدۇ… ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ ۋەتەن بىرلىكىگە تەھدىت سېلىۋاتىدۇ. بىز بىر قانچە كۈن بۇرۇن ساقچى ئىدارىسىدىن ئوغلىڭىز قادىر ئىمام ھەققىدە مەخسۇس دوكلات تاپشۇرۇپ ئالدۇق. ئوغلىڭىز چەتئەلدىكى يامان نىيەتلىك كۈچلەرنىڭ تەشۋىقاتىغا ئالدىنىپ، ئادەم توپلاپ قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنپتۇ. ئۇلار بىزگە دېلونىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈلىۋاتقانلىغىنى ئېيتتى. يەنە مۇشۇ نەۋرىللىرىڭىزنىڭ ئىسىملىرىنى دەرھال ئۆزگەرتىۋېتىشنى تەلەپ قىلدى. مۇشۇ ئىسىم مەسىلىسى ھەل بولسا، ئوغلىڭىزنىڭ جىنايىتى ئېغىر بولمىسىلا پات يېقىندا قويۇپ بېرىلىدۇ…

- ۋاي ئۇكام نىمۇ ئۇ «ئۇچ كۈچ» دېگەن گەپلەر ھە؟ مەن مۇشۇ 80 يىللىق ئۆمرۈمدە نۇرغۇن ئىسسىق سوغۇقنى بېشىمدىن ئۆتكۈزدۈم. مەن ئۆزىمىزنىڭ ھۆكۈمىتىنى، گومىنداڭچىلارنى ۋە سىلەردەك گۇسەنداڭچىلارنى تولا كۆرگەنمەن ئەمما تا بۈگۈنگىچە ھىچ بىر ھۆكۈمەتنىڭ بىرسىنىڭ ئۆيىگە بىرسى مېھمانغا كەلسە، مېھماننى كۈتۈۋالغان ساھىبخاننى جىنايەتچى دەپ تۇتقۇن قىلىپ ئېلىپ كەتكىنىنى كۆرمەپتىكەنمەن ئەپەندىم … ، - دېدى ئىمام ئېغىر ئۇھسىنىپ.

-بىز بۈگۈن مۇشۇ مۇھىم ئىش بىلەن ئۆزلىرىنى يوقلاپ كەلگەن. بىزگە ھۆكۈمەتتىنمۇ ئېنىق يول يورۇق بار. سىلىنىڭ جەمئى تۆت نەۋرىللىرىنىڭ ئىسىملىرىدا ئېغىر مەسىلە بار ئىكەن. ئوتتۇرانچى ئوغۇللىرى ئەڭ كىچىك ئوغلىغا بىللادىن دەپ ئىسىم قويۇپتۇ. ھازىر جەمئىيەتتە ئۇنى تەڭتۇشلىرى سىلىنىڭ ئىسىملىرىنى قوشۇپ «ئوسمان بىنلادىن» دەپ ئاتايدىكەن. سىلە بىلەملا، «ئوسمان بىنلادىن» دېگەن گەپ دەل «ئوساما بىنلادىن» دېگەن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تېرورىستلار كاتىۋېشىنىڭ ئىسمى ئۇ. قالغىنى بولسا ئەڭ كىچىك ئوغۇللىرىنىڭ بالىلىرىغا قويغان ئىسىملار. ھازىر ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقان قىزلىرىغا رابىيە دەپ ئىسىم قويۇلۇپتۇ. ئۇنى ساۋاقداشلىرىدىن تارتىپ ھەممە ئادەم جەمئىيەتتە «رابىيە قادىر» دەپ ئاتايدىكەن. مۇنداق تېرورىستلار كاتىۋاشلىرىنىڭ ئىسىملىرى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش كۈرىشىدە ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. مەركىزى ھۆكۈمىتىمىز يېقىندا بۇ ئىسىملار ھەققىدە مەخسۇس قىزىل خەتلىك ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇشۇنداق دۇنيا تېرورىستلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى ئىسىم قىلىپ قويۇشنى قەتئىي چەكلىدى. يەنە بار، كەنجى ئوغۇللىرى قادىر تۇنجى ئوغلىغا سادام، كەنجى ئوغلىغا ئاراپات دەپ ئىسىملار قويۇپتۇ. بۇ ئىسىملارمۇ ئوخشاشلا قويۇش چەكلەنگەن تىزىملىكتىكى ئىسىملاردۇر، - بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ كەيپى ئۆچكەن، يەنە ئاڭلاشقا سەبىر قىلىپ تۇرالمىغان ئىمام بۇ كادىرنىڭ گېپىنى ئۈزۈپلا گەپ باشلىدى.

- ئەمدى مېنىڭ بۇ ئۆلەي جېنىمغا ئوغلۇمنىڭ دەردىنى تارتىۋاتقىنىم يەتمىگەندەك نەۋرىللىرىمنىڭ دەردىنىمۇ تارتىشىم كېرەكمۇ كادىر جانابلىرى؟ - دېدى ئىمام غەزەپ بىلەن قاپىقىنى تۇرۇپ.

- يوق، بۇ گەپ ئۇنداق ئەمەس. ھەممە ئىش سالا- سۈلھى بىلەن، مەسلىھەت، كېڭەش بىلەن بولىدۇ دە، ھى ھى … كايىمىسىلا ئىمامئاخۇنۇم!

- ئەمىسە ماڭا بۇ گەپلەرنى قىلىپ مېنى نېمە قىل دېمەكچى سىلە؟

- ھۆكۈمىتىمىز ھەر ۋاقىت ۋەتەنپەرۋەر دىنىي - زاتلارغا غەمخورلۇق قىلىدۇ. بىزنىڭ سىلىدىن كۈتىدىغان تەلىپىمىز ناھايىتى ئاددىي - بۇ ھەپتىدىكى جۈمە نامىزىدا بىر ئىككى ئېغىز جامائەتكە تەربىيە قىلىپ مۇشۇنداق «رابىيە قادىر»، «ئاراپات»، «سادام»، «ئوسمان بىنلادىن» دېگەندەك چەتئەللەرىدىكى تېرورىستلارنىڭ ئىسىملىرىنى ئاتاشتىن، يېڭى توغۇلغان بالىلىرىغا ئىسىم قىلىپ قويۇشنى توسۇشقا دەۋەت قىلغان بولسىلا …. يەنە ئۆزلىرىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ ئۆز نەۋرىللىرىنىڭ مۇشۇنداق ئىسىملىرىنى باشقا ئىسىملارغا يۆتكىۋەتكەنلىكلىرىنى مەسچىت جامائىتىگە ئېيتقان بولسىلا دېمەكچىمىز. ھازىر بىزنىڭ ناھىيە تەۋەيىمىزدە بالىلىرىغا مۇشۇنداق يامان ئىسىملارنى قويىدىغانلار كۆپىيىپ كېتىپ بارىدۇ. بۇ بىزنىڭ ۋەزىيىتىمىزگە زور مۇقىمسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. ھازىر يېزىلارغا چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ كادىرلىرى مۇشۇنداق چەكلەنگەن ئىسىملار تىزىملىكى تەشۋىقاتىنى ئۆيمۇ - ئۆيگە كىرىپ تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ... مۇشۇنداق يامان ئىسىملارنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ. سىلە مەسچىتتە ياخشى، مۆمىن مۇسۇلماننىڭ بالىلىرىغا مۇنداق بۇ ئىسىملارنىڭ قويۇشنىڭ ۋاجىپ ئەمەسلىكىنى سۆزلىسىلە سېلىنىڭ گەپلىرىنى ھەممە ئادەم ئاڭلايدۇ. جامائەت سىلىنىڭ ئېغىزلىرىدىن چىققان ھەر قانداق گەپنى توغرا دەپ بىلىدۇ. بىزنىڭ تەلىپىمىز بويىچە مۇشۇنداق قىلسىلا، بىز سىلىنىڭ كۆرسەتكەن ۋەتەنپەرۋەرلىك خىزمەتلىرىنى ھۆكۈمەتكە مەلۇم قىلساق ئاندىن ئوغۇللىرىنى قويۇپ بېرىشكە ئامالى بولاتتى. قالدى ئىش ئۆزلىرىگە قالدىم ئىمام ئاخۇنۇم ھە ھە….، - دەپ گېپىنى تۈگەتتى كادىر.

قارىماققا بۇ گەپ سۆزلەر بىر دېھقاننىڭ ئۆيىدە بولۇنىۋاتقان بولسىمۇ ئەمما مۇرەككەپ بىر دېپلوماتىك تۈسىنى روشەن ئالغان ئىدى. بۇ سۆھبەتكە قاتناشقۇچىلار ئارىلىقىدا بىر دەملىك سۈكۈت داۋام قىلغاندىن كېيىن قولىدىكى تەسۋىيىنى بارماقلىرى ئارىسىدا ناھايىتى تىز ساناپ ئۆتكۈزۈۋاتقان بۇ مويسىپىت ئىمام ئەتىراپىغا تەكشى بىر قارىۋېتىپ ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان جىمجىتلىقنى بۇزدى.

- خوش، مەقسەت ۋە نىيەتلەر ماڭا روشەن بولدى. بىر زامانلاردا مېنىڭ رەھمەتلىك ئاتام ئەرزان توۋلاپ قويغان ئىسمىمنىڭ بېشىمغا بالا ئېلىپ كەلگەنلىكى ئېنىق ئېسىمدە. بەلكىم ئۆزلە ئۇ چاغدا تۇغۇلمىغان بوغىدىلا. بىلەكلىرىگە قىزىل بەلگە تاقىۋالغان بالا ئىنقىلابچىلار سېنىڭ ئىسمىڭ ئەكسىل ئىنقىلابچى، شەرقىي تۈركىستانچى پان تۈركىست «ئوسمان باندىت» نىڭ ئىسمىنى بىلەن ئوخشاشكەن. خۇددى سىلە ھازىر ماڭا دېگەندەك ئىسمىڭنىڭ پان تۈركىست «ئوسمان باندىت» قا ھېسداشلىق قىلىپ قويۇلۇشىدىكى يوشۇرۇن مەقسىتىڭ نېمە دەپ بېشىمغا قەغەز قالپاق كەيدۈرۈپ نەچچە كۈن بۇ مەھەللىمىزنىڭ كوچا- كويلىرىدا، ئېتىزلىق، خامانلىردا مېنى ئالدىغا سېلىپ ماڭدۇرۇپ پىپەن قىلغان ئىدى. ئاخىرى بالىلارغا ئاغزىم قىچىشىپ «بۇ ئىسىمنى ئاتام ماڭا قويغان، خۇددى سىلەرنىڭ ئىسمىڭلارنى ماۋجۇشى ئەمەس، ئۆز ئاتاڭلار قويغاندەك، شۇڭا سىلەر مېنى ئەمەس ماڭا مۇشۇنداق ئەسكى ئىسىم قويۇپ قويغان ئاتامنى تېپىپ پىپەن قىلىڭلار. ئۇنىڭ گۆرى ئاۋۇ مەھەللە مازارلىقتا…» دەپ ساپتىمەن. شۇنىڭ بىلەن ئىنقىلابچى بالىلار مېنىڭ قولۇمنى باغلاپ بىر كۈن دەرەخكە ئېسىپ قويۇپ «پان تۈركىست»، «پومېشچىك»، «ئەكسىل ئىنقىلابچى ئۇنسۇرنىڭ پۇشتى» دەپ ئۇر- توقماق قىلىپ قىينىغان ئىدى. ھەي شۇ سىلەرنىڭ باياتىن مېنىڭ نەۋرىللىرىمنىڭ ئىسىملىرى ھەققىدە ئېيتقان گەپلىرىڭلارنى ئاڭلاپ ماۋزېدوڭنىڭ زامانىسىدىكى «مەينەت ئىنقىلابى» چۆگىلەپ يەنە بىزنىڭ مەھەللىمىزگە قايتا يېتىپ كەلگەنمىدۇ دەپ ئويلاپ قالدىم… ، - دېدى ئىمام بېشىنى بىلىنەر - بىلىنمەس ئالدىغا لىڭشىتىپ تۇرۇپ تەمكىن بىر قىياپەتتە.

- ئىمام ئاخۇنۇم، سىلىنىڭ بۇ كىنايە گەپلىرى زامانغا ياراشمايدۇ. ئوغۇللىرى ئۆتكۈزگەن جىنايىتى ئۈچۈن تۈرمىدە، بۇنى ئەسلىرىدە تۇتسىلا. نەۋرىللىرىنىڭ شۇ يامان ئىسىملىرىنى سىلە ئەرزان توۋلاپ قويغانلىقلىرىنى ھەم ئېسىللىرىدىن چىقارمىسىلا. سىلىنىڭ بۇ مەسىلىدە باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيەتلىرى بار. سىلەرنىڭ ئائىلىدىكى بۇ مەسىلە ناھايىتى ئېغىر مەسىلە بار. بىز سىلىگە ياردەم قىلغىلى، سىلەرنىڭ خاتا، كونا كۆز قاراشلىرىنى ئۆزگەرتكىلى، يېڭى يېزا قۇرۇش دولقۇنىغا ماسلاشتۇرغىلى كەلدۇق. بىزنىڭ تەكلىپىمىزنى قوبۇل قىلسىلا زىيان تارتمايلا. بىزنىڭ كۆرسىتىشىمىز بويىچە قىلسىلا ئوغۇللىرىنىڭ قويۇلۇپ بېرىلىشكە بىز كاپالەتلىك قىلىمىز. ئوغۇللىرىمۇ ئىماملىقنى ساقلاپ قالالايدۇ. شۇڭا بىز ئالايىتەن سىلىنى يوقلاپ كەلدۇق. تەكلىپىمىزنى ياخشىراق ئويلىشىپ باقارلا. سىلىگە بۇ ئىشنى قىلىش ئۈچۈن بىر ھەپتە مۆھلەت بېرىمىز. ئەگەر شۇ مۆھلەت ئىچىدە بىزنىڭ تەكلىپىمىز بويىچە ئىش قىلمايدىكەنلا ئۇ چاغدا بىز سىلىنىڭ ئىشلىرىغا ئارلىشالمايمىز. بىزدىن رەجىمىگەيلا، ئۇ چاغدا سىلىنىڭ تەقدىرلىرى قانۇننى ئىجرا قىلىش ئورۇنلىرىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ. بۇ بىزنىڭ سىلىگە ئېيتقان ئەڭ ئاخىرقى گېپىمىز، - دېدى كادىر گېپىنى ئىمكان بار كەسكىن قىلىشقا تىرىشىپ.

بۇ يەردە تەكەللۇپلار ۋە خوشلىشىشلارمۇ بولمىدى. بۇ كۈتۈلمىگەن مېھمانلار ئۆزلىرى ئۈسۈپلا ئوسمان ئىمامنىڭ ئۆيىگە قانداق كەلگەن بولسا يەنە شۇنداق قايتىپ كېتىشتى.

ئوسمان ئىمامنىڭ ئايالى خەيرىنىسا بۈۋىم ئۆي ئىچىدىن چىقىپ كەلدى.

- ۋاي كەلگەن مېھمانلار شۇنچە تىزلا قايتىپتىغۇ؟ مەن كېلىنلەر بىلەن ئۇلارغا تاماق ھازىرلاۋاتاتتىم ئەمەسمۇ، - دېدى ھەيرانلىقىنى يوشۇرمايلا.

- بۇنداق ئادەم ۋە مۇسۇلمان قىياپىتىدىكى مەخلۇقلارنىڭ بۇ ھالال بوسۇغىمىزدىن قانچە تىز بولسا شۇنچە تىز يوقالغىنى بىزگە ساۋابلىق ئىش قۇشناچىم! - دېدى ئىمام.

ئوسمان ئىمام تەسۋىيىنى توختىماي بارماقلىرى ئارىسىدىن ئۆتكۈزگەچ ئۆز - ئۆزىگە پىچىرلايتتى…

«ئەھ ياراتقۇچى پەرۋەردىگارىم! مۇشۇ كاپىرلارنىڭ زۇلۇمىدىن بىزنى ئازات قىلغايسەن! بۇ مۇسۇلمان ۋەتىنىنى كاپىرلارنىڭ ۋەيرانچىلىقىدىن ساقلىغايسەن… كاپىرلارنىڭ زۇلۇمىغا قارشى ۋەتەن ۋە ئىمان يولىدا شېھىت بولغان ئوغلانلىرىمىزنىڭ روھىنى جەننەت قىلغايسەن! ئەل ئۇچۇن جان ۋە مېلىنى تەقدىم قىلغان بارلىق ئۇلۇقلىرىمىزنىڭ، يەنە ھېلىقى ئوسمان باتۇرنىڭ ئۇ دۇنيالىقىغا فىردەۋس جەننەت ماكان ئاتا قىلغايسەن! شۇ موئىمىنلەرنىڭ، ئاجىز مەزلۇملارنىڭ سەندىن ياردەم تىلەپ قىلغان دۇئا - ئىلتىجالىرىنى قوبۇل قىلغايسەن….. كاپىرلار ئىسمىنى ئاتاشتىنمۇ قورۇۋاتقان بۇ شەرەپلىك ئىسىم «رابىيە قادىر» نى ئامان قىلغايسەن… ئوغلۇمنى بۇ كاپىرلارنىڭ زۇلۇمىدىن قۇتۇلدۇرغايسەن. نەۋرىللىرىمنىڭ مۇسۇلمان ئىسىملىرىنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغايسەن! ئامىن… ئەستەغپۇرۇللا… ئەستەغپۇرۇللا… »

ئوسمان ئىمام توختىماي بېشىنى ئالدىغا لىڭشىتىپ تۇرۇپ ئۆز- ئۆزىگە يەنە نېمىلەرنىدۇ دەپ پىچىرلاپ كېتەتتى. ئىمام بەلكىم ھاياتىدىكى بارلىق ئارزۇ - ئارمانلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى مۇشۇ دۇئالىرى ئارقىلىق ئاللاھدىن تىلەپ ئايەتلەر، دۇرۇتلار ئوقۇۋاتسا كېرەك. ھويلىنىڭ پېشايۋىنى ئاستىغا يېڭىدىن ئۇۋا ياسىغان بىر جۈپ قارلىغاچ خۇددى ئىمامنىڭ غىڭشىپ ئوقۇۋاتقان دۇئالىرىغا تەڭكەش قىلغاندەك بىر خىل رىتىمدا مۇڭلۇق سايرايتتى.

ناھىيە ۋە يېزىدىن كەلگەن كادىرلار ئوسمان ئىمامنى ئالاھىدە زىيارەت قىلىپ قايتىپ كەتكەندىن كېيىن ئارىدىن دەل بىر ھەپتە ئۆتكەن بىر كۈنى چۈشتە كىچىك دوڭ مەھەللىسىنىڭ توپا يولدا بىر ساقچى ماشىنىسى ئارقىسىدىن بوران چىقىرىپ ھەيۋە بىلەن كەلدى ۋە ئۇدۇل ئىمامنىڭ ھويلىسى ئالدىغا كېلىپ توختىدى. ئارىدىن ئانچە كۆپ ۋاقىت ئۆتمەي تېخى كۆتۈرۈلگەن چاڭ - توزانلار يول بويلىرىدىكى تېرەك ۋە ئۈجمە دەرەخلىرىنىڭ يوپۇرماقلىرىغا پۈتۈنلەي سىڭىشىپ كېتىشكە ئۈلگۈرمىگەن بىر پەيىتتە ھېلىقى ماشىنا يەنە ئارقىسىدىن ئوخشاش چاڭ توزانلار چىقىرىپ مەھەللىدىكى كىشىلەرنىڭ كۆزىدىن تىزلا غايىپ بولدى. ئەمما مەھەللىدىكى نۇرغۇن ئادەملەر ئەشۇ بوراندەك كېلىپ شامالدەك قايتقان ساقچى ماشىنىسىنىڭ ئىچىدە ئۆزلىرىگە ھەر كۈنى ناماز ئوقۇتىدىغان، ۋەزى - نەسىھەت قىلىدىغان ھۆرمەتلىك، دىيانەتلىك ئىمامنىڭ قۇلىغا كويزا سېلىنغان ھالدا تۈرمىگە ئېلىپ كېتىلىۋاتقانلىغىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەيتتى.

18- ئاپرىل 2016- يىلى. لوندوندا يېزىلدى.




ماقالىنى pdf شەكلىدە تولۇق ئوقۇش:


http://www.uyghurpen.org/uy/Isim_majirasi.pdfPDF










Uyghur Pen

Valid CSS!        W3C CSS Level 2.1.validated website.   |   http://www.uyghurpen.org  |  E_mail: web@uyghurpen.org