قايتا شەكىللەندۈرۈلۈشتىن قايتا شەكىللەندۈرۈشكە

Qayta shekillendurulush _Ruqiye_Turdush

رۇقىيە تۇردۇش

كىرىش سۆز

بۇ كىتابتىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىستېمىلىق مېڭە يۇيۇش تاكتىكىسى ھەققىدە ئىزدىنىشلىرىم، مۇستەملىكە ئاستىدا ياشاۋاتقان مىللەتنىڭ مېڭە يۇيۇشقا كۆرسىتىدىغان ئىنكاسىنىڭ كىملىك، مىللەتچىلىك، ئەركىنلىك چۈشەنچىسىگە ئاساسەن ئوخشاش بولمايدىغانلىقىنى تەھلىل قىلىش بىلەن باشلاندى. شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي زۇلۇمىدىن قۇتۇلۇپ ئەركىن دۆلەتلەرگە چىققان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئەركىنلىك، مىللەتچىلىك ۋە تەۋھىد چۈشەنچىسى ئېنىق بولمىغاندا، ئوخشاشلا مېڭە يۇيۇشنىڭ كۆرۈنمەس قولىدىن قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپتۇق. مانا مۇشۇ رېئاللىقلارغا ئاساسەن، گەرچە مەن بۇ كىتابتا مۇستەملىكە ئاستىدىكى بىر مىللەت كىشىلىرىنىڭ قامال قىلىنغان جەمئىيەتتە ياشىشى بىلەن ئېچىۋېتىلگەن جەمئىيەتتە ياشىشىنىڭ، مېڭە يۇيۇشنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش ـ ئۇچرىماسلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بولسىمۇ، ئەمما ئاللىقاچان يۇيۇلغان مېڭىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، يۇيۇلغان مېڭىنى قايتا تۈزەشتە بۇ خىل جۇغراپىيىلىك ئالمىشىشنىڭ چوڭ تەسىر كۆرسىتەلمەسلىكىدىكى سەۋەبلەرنى ئۆگىنىش ۋە تەھلىل قىلىشنى ئاساس قىلدىم.

خىتاينىڭ مېڭە يۇيۇش تاكتىكىسىنىڭ ھەر بىر ئۇيغۇرغا، جۈملىدىن پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە يۈرگۈزۈلۈش ئۇسۇللىرىنى ۋە ئۇنىڭ ئۈنۈم بېرىش بەرمەسلىكىدىكى سەۋەبلەرنى، بىر قىسىم زىيارەت خاتىرىلىرى ئاساسىدا پىسخولوگىيەلىك ئامىللارغا باغلاپ تەھلىل قىلىشقا تىرىشتىم. شۇنداقلا يۇيۇلغان مېڭىمىزنى قانداق قىلىپ قايتا تۈزەش ھەققىدە ئانالىز ئېلىپ باردىم.

ئەگەر سىز « ئەركىنلىككە ئېرىشىش ئۈچۈن كىمدىن ۋە قەيەردىن باشلىنىشى كېرەك؟ » دېگەن سوئالغا جاۋاپ ئىزدەۋاتقان بولسىڭىز، بۇ كىتاپنى ئوقۇش جەريانىدا يۇيۇلغان مېڭىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققىدىكى مەلۇمات ۋە ئۇسۇللارنى ئۈگۈنۈش ئارقىلىق سوئالىڭىزغا مەلۇم دەرىجىدە جاۋاپ تاپىسىز. بۇ كىتاپ بىزنىڭ ئادەتتىكى «مىللەتچىلىك ئۆزىنىڭ مىللىتىنىلا سۆيۈش» دەپ قارىغان ئەنەنۋى چۈشەنچىمىزنى كېڭەيتىش ئارقىلىق مىللەتچىلىك ئۇقۇمىغا باشقا پەنجىرىدىن قاراشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ئەگەر سىز ئەركىنلىكنىڭ نىمە ئۇچۇن كىملىككە مۇراجەت قىلىدىغانلىغىنى ۋە كىملىكنىڭ مىللەتچىلىك بىلەن قانداق باغلىنىشى بارلىقىنى بىلمەكچى بلوسىڭىز، شۇنداقلا مىللەتچىلىك ۋە ئۇممەتچىلىك ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالمايۋاتقان بولسىڭىز بۇ كىتاپ دەل سىز ئۇچۇندۇر.

گەرچە ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلىرىمىز مۇئەييەن ئۇچۇر ـ ئالاقە ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئىسلام ئەقىدىسى ۋە ئۇيغۇر كىملىكى ئاساسىدا تار دائىرىدە بولسىمۇ ئۆملۈكنى ساقلاپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن پىكىر ۋە ھەرىكەت جەھەتتىكى بۆلۈنۈش ئىنتايىن ئېغىر.مانا بۇ سەۋەپتىن بىزگە كەلگۈسىمىز ئىنتايىن قاراڭغۇ تۇيۇلىۋاتىدۇ، ئۈمىدسىزلىككە ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ھەممەيلەننىڭ مىللەتنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلغۇسى، بىرەر يول تاپقۇسى بار. لېكىن « نېمە ئىش قىلىش ۋە قەيەردىن باشلاش » مەسىلىسىدە چېچىلاڭغۇلۇق، يەككىلىك، ھېسسىياتقا تايىنىش ياكى بىر سەكرەپلا مۆجىزىگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىش دېگەندەك قالايمىقانچىلىق مەۋجۇت.

ئەگەر سىز مىللىتىڭىزنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن چۈشكۈنلەشكەن بولسىڭىز، ياكى ئۆزىڭىزنىڭ قىممىتىنى بۇ دۇنيادا، قەيەردە، كىملەر ئۇچۇن، نىمە مەقسەتتە جارى قىلدۇرۇشتا مۈجىمەللىك ئچىدە قالغان بولسىڭىز، بۇ كىتابنى ۋاراقلىغىنىڭىزدا كىملىكىڭىزنى ئىزدەشكە، ئەركىنلىكىڭىز ھەققىدە قايتا ئويلىنىشقا باشلايسىز. مېڭىڭىزنى قانداق قىلىپ قايتا پروگراممىلاشتۇرۇپ، ئۆزىڭىزنىڭ غايىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشنى ئۈگىنىسىز.

بۇ كىتاب سىزگە مىللەتچىلىكىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى يەتكۈزۈش بىلەن بىرگە، سىزنى ئۇيغۇر مىللەتچىلىكىنى قانداق چۈشۈنۈش ھەققىدە ئويغا سالىدۇ. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كۆرەش ئستراتېگىيىسى ئۈچۈن ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرنى، دۇنيانىڭ كەلگۇسى ۋەزىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بەزى ئانالىزلار ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويىدۇ. شۇنداقلا « ئىشنى نەدىن؟ كىمدىن؟ كىم بىلەن؟ قايسى مەسىلىلەردىن باشلايمىز؟ » دېگەن مەسىلىلەر ھەققىدىكى ئىزدىنىشىڭىزنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ۋە جاۋاب تېپىشى ئۈچۈن رىغبەتلەندۈرگۈچ كۈچ پەيدا قىلىدۇ.

بۇ كىتاپنى قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە يېزىپ چىققانلىقىم ئۈچۈن كەمچىللىكلەر كۆپ، جۈملىلەرنى ئىشلىتىشىم جايىدا بولماي قالغان بولىشى مۇمكىن. ئەمما ئاساسىي مەقسەتنىڭ ۋە مەزمۇننىڭ ئېنىق بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا تىرىشتىم. دوكتور ئەسەت سۇلايماننىڭ مېنى بۇ كىتاپنى رەسمىي يۇسۇندا ئېلان قىلىشقا ئىلھاملاندۇرغانلىقىغا، شۇنداقلا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ تەھرىرى مەمەتجان جۇمە ۋە باشقا دوستلارنىڭ ئىملا خاتالىقلىرىنى تۈزىتىپ بەرگەنلىكىگە كۆپتىن ـ كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن.




كىتاپنى pdf شەكلىدە تولۇق ئوقۇش ۋە ساقىۋېلىش:


http://www.uyghurpen.org/uy/Qayta_shekillendurulush.pdfPDF










Uyghur Pen

Valid CSS!        W3C CSS Level 2.1.validated website.   |   http://www.uyghurpen.org  |  E_mail: web@uyghurpen.org