
2017-يىل 9-ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلىنىڭ بارلىق باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇتۇش تىلى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دا چىقىدىغان ئۇيغۇر تىلىدىكى كىتاب، ژۇرنال قاتارلىق نەشرىيات بۇيۇملىرىنىڭ سانى يوقىلىشقا قاراپ مېڭىش بىلەن بىرگە مەزمۇنىدىمۇ روشەن ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىپ، تارىخ، مەدەنىيەت ۋە ئەدەبىياتقا ئائىت مەزمۇنلار خىتاينىڭ تەشۋىقات ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ، ئىلگىرىكى «دىققەت بىلەن» چىقىرىلىدىغان سەزگۈر مەزمۇنلار پۈتۈنلەي كۆزدىن يوقىتىلىپ، ئورنىغا كوممۇنىستىك تۈس ئالغان غىپ-قىزىل بىر ئەدەبىيات بەرپا قىلىنماقتا.
گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى، غەيرىي ماددىي ۋە مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى، تىل-ئەدەبىياتىنى قوغدايدىغان ۋە تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقىنى ئىزچىل جاكارلاپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ «قوغداۋاتقىنى»، ئۇيغۇرلارغا قارىتا «خىتايچە مەدەنىيەت» نى سىڭدۈرۈش ۋە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش» تە قورال سۈپىتىدە قوللىنىۋاتقان ۋاسىتە بولۇپ قالدى. «ئون ئىككى مۇقام»، «مەشرەپ» قاتارلىق مەدەنىي مىراسلىرىمۇ «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى» گە تەۋە «مىراس» دەپ قارىلىپ، خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ بىرقىسمى قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنىپ، خالىغانچە دەپسەندە قىلىنماقتا.
شى جىنپىڭنىڭ نۆۋەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى ئەينى ۋاقىتلاردا ماۋ زېدوڭنىڭ 1940-يىللاردا يەنئەندە سۆزلىگەن سۆزىدىكى «مېغىز بىلەن شاكال» نى پەرقلەندۈرۈش پىرىنسىپىنىڭ داۋاملىشىشى بولۇپ، بۇ، ئەمەلىيەتتە مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىگە بولغان تاجاۋۇزچىلىق ۋە ئاسسىمىلياتسىيە ئىدى.
ئەدىب جۈن تويفېل ئەگەر بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتى شۇ مىللەتتىن تەركىب تاپقان پارتىيە ياكى ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدىلا نورمال تەرەققىياتقا ئېرىشەلەيدۇ، يالغۇز ئۇ مىللەتنىڭ ئۆزىنىڭلا تىرىشچانلىقى بىلەن مەدەنىيەت تەرەققىياتقا ئېرىشەلمەيدۇ دېگەن نەزەرىيەنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ نەزەرىيە دەل ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ھالىتىگە ئۇيغۇن بولۇپ، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت ھاكىمىيەت باشقا بىرىنىڭ قولىدا بولغان ئەھۋالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىشى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشىدىن سۆز ئىچىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇيغۇر دىيارىنىڭ يېقىنقى ۋەزىيىتىدىكى نەشرىياتچىلىق ساھەسىدە يۈز بەرگەن بىرقانچە نۇقتىلىق ئۆزگىرىشلەر خىتاينىڭ مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ۋە خىرىسلىرىنىڭ يۈزلىنىشىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
تولۇق بولمىغان ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ سابىق تەتقىقاتچىسى مامبەت تۇردىنىڭ «ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نەشرىياتچىلىق ئەھۋالى» ناملىق خىتاي تىلىدىكى ماقالىسىدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، 1949-يىلىدىن 2001-يىلىغىچە ئۇيغۇر تىلىدا 100 پارچىدىن ئارتۇق رومان، 43 پارچىدىن ئارتۇق پوۋېست ۋە ھېكايە نەشر قىلىنغان بولۇپ، 1979-يىلدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىلمىي ماقالىلەر 2000 پارچە، ئىلمىي نەزەرىيە ۋە ئوبزورلار 27 پارچە بولغان.
2001-يىلىدىن 2016-يىللارغىچىمۇ خېلى كۆپ ساندا كلاسسىك ئەسەرلەر ۋە چەتئەل ئەدەبىياتىغا ئائىت ئەسەرلەر نەشر قىلىنىپ، شەخسىي كىتاب سودىگەرلىرىنىڭ سانىمۇ كۆرۈنەرلىك ئاشقانىدى. ئەلۋەتتە، يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قاتتىق ئىدېئولوگىيەلىك كونتروللۇقى، سېنزۇرىلىرى ئاستىدا ئىشقا ئاشۇرۇلغانىدى.
مامبەت تۇردىنىڭ ماقالىسىدە يەنە ئۇيغۇرلاردىكى يازغۇچىلار قوشۇنىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىلگىرىكى قاتمال ھالەتتىن بۆسۈپ چىقىپ زامانغا لايىق بولۇش كېرەكلىكى تەشەببۇس قىلىنغان. ئەختەم ئۆمەرنىڭ ئەدەبىي تەنقىدچىلىكى ۋە مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ھېكايىلىرىدىكى ساتىرىك بايانلارغا ئوخشاش ئەنئەنىۋى يېزىقچىلىق رامكىسىدىن ھالقىغان ئۇسلۇبتىكى ئەسەرلەرنىڭمۇ ئوقۇرمەنلىرىنىڭ كۆپىيىپ بېرىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.
لېكىن، 2017-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىدىكى نەشرىياتچىلىق، جۈملىدىن مەتبۇئات ساھەسىدە تېز ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىدىكى تارىخىي، مەدەنىيەت ۋە باشقىلارغا ئائىت ئەسەرلەرنىڭ نەشر قىلىنىشى بىراقلا كېمەيگەن ھەتتا توختىغان. ھەتتا ئىلگىرى نەشر قىلىنغان ھەر تۈرلۈك كىتابلار، ئەسەرلەرگە قارىتا قايتىدىن تەكشۈرۈش، يىغىۋېلىش ۋە چەكلەش ئېلىپ بېرىلغان. كۆپ ساندىكى يازغۇچى، ژۇرنالىست، تەھرىر قاتارلىق مەتبۇئات خادىملىرى لاگېرلارغا ۋە تۈرمىلەرگە تاشلانغان.
مەتبۇئاتلاردىن داڭلىق «تارىم» ژۇرنىلىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە دىققەت قىلساق، بۇنىڭدىمۇ كۆپ ئۆزگىرىش بولغان. 2010-يىللىق 5-سانى بىلەن 2018-يىللىق 9-سانىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرەيلى:
ژۇرنالنىڭ 2010-يىلىدىكى سانىدا 11 سەھىپە بار بولۇپ، 2018-يىلىدىكى سانىدا پەقەتلا 7 سەھىپە قالغان. ھازىرمۇ مەۋجۇت سەھىپىلەردىكى ئەسەرلەرنىڭ تېمىسىغا قارايدىغان بولساق، كلاسسىك ئەسەر ياكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ئۈستىدىكى مۇھاكىمىلەر ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان «مۇھاكىمە ۋە تەقرىز» سەھىپىسىدە «19-قۇرۇلتاي دوكلادىدىكى يېزا ئىسلاھاتى روھى ۋە يېزا تېمىسىدىكى ئەدەبىي ئىجادىيەت» ناملىق ئەسەر ئېلان قىلىنغان. «ئالتۇن روجەك» سەھىپىسىدە «تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن» قاتارلىقلار بار بولۇپ، ئىلگىرىكى «خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى»، «چەتئەل ئەدەبىياتىدىن» قاتارلىق بىرقانچە سەھىپىلەر ئېلىپ تاشلانغان. شېئىرلارنىڭ تېمىسى «رىشتىمىز باغلانغان تۇغقان بىز ئىناق»، «كومپارتىيەم قۇياشىم» دېگەندەك ماۋزۇسىدىنلا ژۇرنالنىڭ كومپارتىيەنىڭ تەشۋىقاتى بولغان، قىزىل شېئىرلار بىلەن قاپلانغانلىقىنى ھېس قىلىش مۇمكىن. بۇ ژۇرنالنىڭ 2022-يىللىق 5-سانىغا نەزەر سالغىنىمىزدا، سەھىپىلەر سانى بەشكە چۈشكەن بولۇپ، ھېكايىلەر پەقەتلا تەرجىمە ھېكايىلەر بىلەن، شېئىرلار بولسا كومپارتىيەنى مەدھىيەلەيدىغان ياكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈيلەيدىغان مەزمۇنلار بىلەنلا چەكلەنگەن. ئوقۇرمەنلەرنىڭ نە ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ياكى چەتئەل ئەدەبىياتىدىن ھۇزۇر ئېلىشى، ئۆگىنىشى مۇمكىن بولمايدىغان ۋە چەكلەنگەن ۋەزىيەت شەكىللەنگەن.
گېزىتلەردىن «شىنجاڭ گېزىتى» نى مىسالغا ئالىدىغان بولساق، بۇرۇن گەرچە «مۇقىملىقنى ساقلاش»، «قاتتىق زەربە بېرىش» دېگەن شوئارلار 1990-2000-يىللاردا ئىزچىل ھالدا گېزىت سەھىپىلىرىنى قاپساپ تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن بۈگۈنكىدەك بىر سان گېزىتنىڭ پۈتۈن مەزمۇنى كومپارتىيەنىڭ تەشۋىقاتى، جۇڭگو تەجرىبىسى، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىق ئىدېئولوگىيە ئۆزگەرتىشكە ئائىت مەزمۇنلار بىلەن تولغان ئەمەس ئىدى.
گېزىتنىڭ 2019-يىل 1-فېۋرالدىكى سانىنىڭ باش بېتىگە قارايدىغان بولساق، بىر بەتنىڭ ئىچىدىلا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنغان ماۋزۇلۇق خەۋەر تۆتتىن ئاشىدۇ. گېزىتنىڭ «ئەدەبىيات» سەھىپىسىدە، «كومپارتىيەگە مۇھەببەت»، «ئايرىلمايمىز ھېچقاچان»، «دەۋر ساداسى» دېگەندەك ئەدەبىيات تۈسى بولمىغان، ئەدەبىي زوق بېرەلمەيدىغان، شوئار شەكلىدىكى ئەسەرلەر بېرىلگەن.
ئىجتىمائىي پەنلەر ساھەسىدىكى ئىلمىي ماقالىلەر، ئەڭ نوپۇزلۇق تەتقىقاتلار ئېلان قىلىنىدىغان «ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ژۇرنىلىنىڭ 2018-يىللىق 2-سانىدا گەرچە ژۇرنالنىڭ بەت سانى ئۆزگەرمىگەن بولسىمۇ، جەمئىي تۆتلا سەھىپە قالغان بولۇپ، جەمئىي ئالتە پارچىلا ماقالە بېسىلغان. بۇ ماقالىلەر «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇش يادرولۇق ئىدىيەسى»، «شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئىدىيەسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئىقتىسادشۇناسلىقنى بەرپا قىلىش» قاتارلىق ئىجادىي ۋە تەرجىمە ئەسەرلەردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئىلگىرىكى تارىخ، دىن، مەدەنىيەت، تىل-ئەدەبىيات، ئارخېئولوگىيەگە ئائىت تەتقىقات مەزمۇنلىرى ئېلان قىلىنىدىغان سەككىز سەھىپە ھەممىسى غايىب بولغان.
يەنە بىر مىسال كۆرسىتىپ ئۆتسەك، ئىلگىرى خىتاي ئىچىدە سەرخىل ژۇرناللار سېپىگە كىرگەن، ئىجتىمائىي پەن تۈرىدىكى مۇنەۋۋەر ژۇرناللارنىڭ بىرى بولغان «مەملىكەت بويىچە 100 نۇقتىلىق ژۇرنال» ئاتالغان «مىراس» ژۇرنىلىنىڭ 2022-يىللىق ئەڭ يېقىنقى سانىنىڭ مۇندەرىجىسىدىن قارىغاندا، ژۇرنالدا ھازىر پەقەتلا يەتتە سەھىپە قالغان. بۇرۇنقى ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرى، مەدەنىي ۋە ئەدەبىي مىراسلىرىمىز، ھۈنەر-سەنئەت، تارىخ، كلاسسىك ئەدەبىيات ۋە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا ئائىت بارلىق سەھىپە ۋە مەزمۇنلاردىن ئەسەر قالمىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا «دەۋر روھى»، «قۇرۇلتايغا تەنتەنە»، «جۇڭخۇا مەدەنىيەت خەزىنىسى»، «ئورتاق ماكان» قاتارلىق يېڭى سەھىپىلەر ئېچىلغان. قارىماققا «خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى» سەھىپىسى يەنىلا مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمما «ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى» نىڭ ئورنىغا «ئېلىمىز خەلق ئەدەبىياتى» ناملىق يېڭى سەھىپە ئېچىلىپ، خىتاي خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىن نەمۇنە ئەسەرلەر تەرجىمە قىلىنىپ ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان. مۇندەرىجە ئۇيغۇرچە ۋە خىتاي تىلىدا ئىككى خىل تىلدا بېرىلگەن. ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن قويۇق مىللىي تۈستىكى مۇقاۋىلارنىڭ ئورنىغا خىتاي مەدەنىيىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن لايىھەلەر ئالماشقان. ئومۇمەن، بۇ مەتبۇئاتلارنىڭ ئاساسلىق سىياسىي نىشانى «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى»، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى» ئېڭىنى كۈچەيتىشكە قارىتىلغان.
بۇلاردىن باشقا ئۇيغۇر تىلىدىكى دەرسلىك كىتابلارنىڭ قالدۇرۇلغانلىقى خېلىدىن بېرى مەلۇم، شۇڭا باشقا رومان، توپلام قاتارلىق كىتابلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمۇ ھالاكەت ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلىقى تەسەۋۋۇرىمىزدىن ئانچە يىراق ئەمەس.
https://www.rfa.org/uyghur/mulahize/uyghur-neshriyati-06072022124334.html مەنبە: ئەركىن ئاسيا رادىيوسى
Tags: ئۇيغۇرچە گېزىت - ژورنال