About Uyghur PEN

 
Uyghur PEN Centre Conference in Crimea 19 July 2012.
 

Uyghur PEN old websites:

 

Categories

 

Archives

 

Login

 
 

ئۇيغۇر مەدەنىيىتى

ئۇيغۇر مەدەنىيىتى

 
  • ئۇيغۇر گېزىت-ژۇرناللىرىنىڭ بۈگۈنكى سىياسىي قىسمىتى

    2017-يىل 9-ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلىنىڭ بارلىق باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇتۇش تىلى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دا چىقىدىغان ئۇيغۇر تىلىدىكى كىتاب، ژۇرنال قاتارلىق نەشرىيات بۇيۇملىرىنىڭ سانى يوقىلىشقا قاراپ مېڭىش بىلەن بىرگە مەزمۇنىدىمۇ روشەن ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىپ، تارىخ، مەدەنىيەت ۋە ئەدەبىياتقا ئائىت مەزمۇنلار خىتاينىڭ تەشۋىقات ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ، ئىلگىرىكى «دىققەت بىلەن» چىقىرىلىدىغان سەزگۈر مەزمۇنلار پۈتۈنلەي كۆزدىن يوقىتىلىپ، ئورنىغا كوممۇنىستىك تۈس ئالغان غىپ-قىزىل بىر ئەدەبىيات بەرپا قىلىنماقتا. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى، غەيرىي ماددىي ۋە مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى، تىل-ئەدەبىياتىنى قوغدايدىغان ۋە تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقىنى ئىزچىل جاكارلاپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ «قوغداۋاتقىنى»، ئۇيغۇرلارغا قارىتا «خىتايچە مەدەنىيەت» نى سىڭدۈرۈش ۋە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش» تە قورال سۈپىتىدە قوللىنىۋاتقان ۋاسىتە بولۇپ قالدى. «ئون ئىككى مۇقام»، «مەشرەپ» قاتارلىق مەدەنىي مىراسلىرىمۇ «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى» گە تەۋە «مىراس» دەپ قارىلىپ، خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ بىرقىسمى قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنىپ، خالىغانچە دەپسەندە قىلىنماقتا. شى جىنپىڭنىڭ نۆۋەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى ئەينى ۋاقىتلاردا ماۋ زېدوڭنىڭ 1940-يىللاردا يەنئەندە سۆزلىگەن سۆزىدىكى «مېغىز بىلەن شاكال» نى پەرقلەندۈرۈش پىرىنسىپىنىڭ داۋاملىشىشى بولۇپ، بۇ، ئەمەلىيەتتە مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىگە بولغان تاجاۋۇزچىلىق ۋە ئاسسىمىلياتسىيە ئىدى. ئەدىب جۈن تويفېل ئەگەر بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتى شۇ مىللەتتىن تەركىب تاپقان پارتىيە ياكى ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدىلا نورمال تەرەققىياتقا ئېرىشەلەيدۇ، يالغۇز ئۇ مىللەتنىڭ ئۆزىنىڭلا تىرىشچانلىقى بىلەن مەدەنىيەت تەرەققىياتقا ئېرىشەلمەيدۇ دېگەن نەزەرىيەنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ نەزەرىيە دەل ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ھالىتىگە ئۇيغۇن بولۇپ، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت ھاكىمىيەت باشقا بىرىنىڭ قولىدا بولغان ئەھۋالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىشى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشىدىن سۆز ئىچىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇيغۇر دىيارىنىڭ يېقىنقى ۋەزىيىتىدىكى نەشرىياتچىلىق ساھەسىدە يۈز بەرگەن بىرقانچە نۇقتىلىق ئۆزگىرىشلەر خىتاينىڭ مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ۋە خىرىسلىرىنىڭ يۈزلىنىشىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. تولۇق بولمىغان ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ سابىق تەتقىقاتچىسى مامبەت تۇردىنىڭ «ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نەشرىياتچىلىق ئەھۋالى» ناملىق خىتاي تىلىدىكى ماقالىسىدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، 1949-يىلىدىن 2001-يىلىغىچە ئۇيغۇر تىلىدا 100 پارچىدىن ئارتۇق رومان، 43 پارچىدىن ئارتۇق پوۋېست ۋە ھېكايە نەشر قىلىنغان بولۇپ، 1979-يىلدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىلمىي ماقالىلەر 2000 پارچە، ئىلمىي […]