
خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ئۇيغۇر مەركىزىنىڭ سايلىمى 2025-يىلى 16-ئاپرېل كۈنى ئالمۇتا شەھىرىدىكى مىر نەشرىياتى ئىشخانىسىدا بولۇپ ئۆتتى. ئۇشبۇ جەمئىيەتنىڭ خىزمەتلىرىدىن ھېساب بېرىش ۋە سايلام ئۆتكۈزۈش يىغىنغا جەمئىيەتنىڭ قازاقىستاندىكى ئەزالىرى كېلىپ قاتناشقاندىن سىرت، دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللەردىكى ئەزالىرى ئىنتېرنېت تورى ئارقىلىق قاتناشتى. يىغىنغا جەمئى 24 نەپەر كىشى ئىشتىراك قىلدى
بۇ يىغىن خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ئۇيغۇر مەركىزى (پەن كلۇب) ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئالىشېر خالىلوۋ رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇيغۇر پەننىڭ ئۆتكەنكى قەرەللىك سابىق رەئىسى رەسسام قەيسەر ئۆزھۇن سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر پەن كۇلۇبنىڭ قۇرۇلۇش تارىخى ۋە ئۇشبۇ قەرەللىك ۋەزىپىدە ئېلىپ بارغان خىزمەتلىرى ھەققىدە دوكلات بەردى.
كېينكى نۆۋەت سۆزگە چىققان خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ئۇيغۇر مەركىزى باش كاتىپى، يازغۇچى خەمىت ھەمرايېۋ ئۆزى بۇ ۋەزىپىدە بولغان مەزگىلدە ئېلىپ بارغان خىزمەتلەر ھەققىدە توختالدى.
ئۇيغۇر پەن ئەزاسى ئاتاقلىق شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوۋ سۆز قىلىپ، قەيسەر ئۆزھۇننى يەنە نۆۋەتلىك پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىگە سايلاش توغرىلىق تەكلىپ بەردى. ئۇ جاۋاپ بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئۈچىنچى قېتىم نامزات بولۇش ھوقۇقىغا ئىگە ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇيغۇر پەن كۇلۇبنىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك سابىق باش كاتىپى، بۈيۈك بىرتانىيەدە ياشايدىغان شائىر، ئاكادېمىك ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ ئىدارە ھەيئەتلىرى تەرىپىدىن پرېزىدېنتلىق نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن ئىدى.
ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستانغا خىزمەت بىلەن كېلىپ، ئالماتادا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر پەن كۇلۇبنىڭ بۇ نۆۋەتلىك پرېزىدېنت نامزاتلىق تەكلىپىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردۇپ، ئۇيغۇر پەن كۇلۇبى ئىدارە ھەيئىتىنىڭ ئۆزىنى پرېزىدېنتلىق نامزاتلىقىغا كۆرسەتكەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىپ، ئەگەر مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ بارلىق ئەزالىرى ئۆزىنى سايلامدا پرېزىدېنتلىققا سايلىسا، جەمئىيەتنىڭ كېلەچەك تەرەققىياتى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتنى دۇنياغا تونۇتۇش، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يېزىش ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن جان پىدالىق بىلەن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇشبۇ يىغىن بىر سائەت داۋام قىلغاندىن كېيىن، خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ئۇيغۇر مەركىزىنىڭ رەسمى سايلىمى بولۇپ ئۆتتى. سايلامدا بارلىق جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ئاۋاز بېرىشى ئارقىلىق، تولۇق ئاۋاز بىلەن ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن جەمئىيەتنىڭ پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىگە سايلاندى.
كېيىن جەمئىيەتنىڭ ئىدارە ھەيئەت سايلىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، بارلىق ئەزالارنىڭ ئاۋاز بېرىشى بىلەن ئالىشېر خالىلوۋ مەركىزىنىڭ باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىگە سايلاندى. ئىجرائىيە كومىتېت ھەيئىتى رەئىسلىك ۋەزىپىسىگە سەنئەتشۇناسلىق دوكتورى، رەسسام ھاكىمجان گۇلىئېۋ سايلاندى.
جەمئىيەت ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ھەيئەت ئەزالىقىغا تۆۋەندىكى كىشىلەر سايلاندى:
مەركەز پرېزىدېنتى ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن، باش كاتىپ ئالىشېر خالىلوۋ، ھاكىمجان گۇلىئېۋ، خامىت ھەمرائېۋ، ۋىليام مولوتوۋ، ئېھسان ۋە مەريەم سۇلتان.
ئاخىرىدا شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوۋنىڭ تەكلىپى ئاۋازغا قويۇلۇپ، بۇ ھەقتە جىددىي مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، كۆپ سانلىقنى ئىگىللىگەن ئەزالارنىڭ ئاۋاز بىلەن قەيسەر ئۆزھۇنغا «پەخرىي پرېزىدېنت» ئاتىغى بېرىلدى.
يىغىن ئاخىرىدا خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ئۇيغۇر مەركىزىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك سايلىمىدا پرېزىدېنت بولۇپ سايلانغان ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن خۇلاسە سۆزى قىلىپ، نۆۋەتتە مەزكۇر مەركەزنىڭ ئېلىپ بارىدىغان خىزمەتلىرىنىڭ ناھايىتى جىددىي ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ۋەزىيىتى، ھەم ئەدەبىياتى ۋە سەنئىتىنى دۇنياغا تونۇتۇش، ئۇيغۇر يازغۇچى ۋە سەنئەكارلىرىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش نۆۋەتتە ئىشلىنىدىغان ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، مۇندىن كېيىن مەزكۇر جەمئىيەتتىكى بارلىق ئەزالارنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمى بىلەن، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللىي مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ، ئىشتە دوستلۇق ۋە باراۋەرلىك ئاساسىدا نىشانلانغان ۋەزىپىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى، بارلىق جەمئىيەت ئەزالىرى ۋە باش شىتابى لوندونغا جايلاشقان خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمىيىتىنىڭ ياردىمى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ئۆزىگە بۇ مۇھىم ۋە شەرەپلىك ۋەزىپىنى تاپشۇرغانلىقىغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.
خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ئۇيغۇر مەركىزىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك سايلانغان رەھبەرلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىمىزنىڭ بۈگۈن ۋە كېلەچەك بەخت- سائادىتى يولىدا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن باسقان ھەر بىر قەدەملىرىنىڭ خەيرلىك ۋە ئۇتۇقلۇق بولىشىنى تىلەيمىز.
خەۋەرنى سۇمبات يازدى




سايلامغا مۇناسىۋەتلىك قازاقىستاندا بېرىلگەن قىلىنغان خەۋەرلەر
– قازاقىستان رېسپوبلىكىلىق «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ 29-ئاپېرىل كۈنى بەرگەن خەۋرى
https://www.uyghurpen.org/Uygur_Avazi_01May2025.pdf
– قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋرى
https://youtu.be/l46ytsa3hPc?si=ANbFVUnupiljbtCh
Tags: ئالمۇتا، سايلام 2025، خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ئۇيغۇر مەركىزى