About Uyghur PEN

 

Uyghur PEN Election 2025

The Uyghur PEN Center held its official election on April 16, 2025, at the Mir Publishing House office in Almaty, Kazakhstan. In addition to local members attending in person, participants from around the world joined the event online. A total of 24 members took part in the meeting. Read more >>

 

Uyghur PEN Board Members

 
Uyghur PEN Centre Conference in Crimea 19 July 2012.
 

Uyghur PEN old websites:

 

Categories

 

Archives

 

Login

 
 

ئۇيغۇرچە

ئۇيغۇرچە مەنبەلەر

 
  • ئالمۇتىدا خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ئۇيغۇر مەركىزىنىڭ سايلىمى بولۇپ ئۆتتى

    خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ئۇيغۇر مەركىزىنىڭ سايلىمى 2025-يىلى 16-ئاپرېل كۈنى ئالمۇتا شەھىرىدىكى مىر نەشرىياتى ئىشخانىسىدا بولۇپ ئۆتتى. ئۇشبۇ جەمئىيەتنىڭ خىزمەتلىرىدىن ھېساب بېرىش ۋە سايلام ئۆتكۈزۈش يىغىنغا جەمئىيەتنىڭ قازاقىستاندىكى ئەزالىرى كېلىپ قاتناشقاندىن سىرت، دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللەردىكى ئەزالىرى ئىنتېرنېت تورى ئارقىلىق قاتناشتى. يىغىنغا جەمئى 24 نەپەر كىشى ئىشتىراك قىلدى بۇ يىغىن خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ئۇيغۇر مەركىزى (پەن كلۇب) ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئالىشېر خالىلوۋ رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇيغۇر پەننىڭ ئۆتكەنكى قەرەللىك سابىق رەئىسى رەسسام قەيسەر ئۆزھۇن سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر پەن كۇلۇبنىڭ قۇرۇلۇش تارىخى ۋە ئۇشبۇ قەرەللىك ۋەزىپىدە ئېلىپ بارغان خىزمەتلىرى ھەققىدە دوكلات بەردى. كېينكى نۆۋەت سۆزگە چىققان خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ئۇيغۇر مەركىزى باش كاتىپى، يازغۇچى خەمىت ھەمرايېۋ ئۆزى بۇ ۋەزىپىدە بولغان مەزگىلدە ئېلىپ بارغان خىزمەتلەر ھەققىدە توختالدى. ئۇيغۇر پەن ئەزاسى ئاتاقلىق شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوۋ سۆز قىلىپ، قەيسەر ئۆزھۇننى يەنە نۆۋەتلىك پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىگە سايلاش توغرىلىق تەكلىپ بەردى. ئۇ جاۋاپ بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئۈچىنچى قېتىم نامزات بولۇش ھوقۇقىغا ئىگە ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. ئۇيغۇر پەن كۇلۇبنىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك سابىق باش كاتىپى، بۈيۈك بىرتانىيەدە ياشايدىغان شائىر، ئاكادېمىك ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ ئىدارە ھەيئەتلىرى تەرىپىدىن پرېزىدېنتلىق نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن ئىدى.  ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستانغا خىزمەت بىلەن كېلىپ، ئالماتادا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر پەن كۇلۇبنىڭ بۇ نۆۋەتلىك پرېزىدېنت نامزاتلىق تەكلىپىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردۇپ، ئۇيغۇر پەن كۇلۇبى ئىدارە ھەيئىتىنىڭ ئۆزىنى پرېزىدېنتلىق نامزاتلىقىغا كۆرسەتكەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىپ، ئەگەر مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ بارلىق ئەزالىرى ئۆزىنى سايلامدا پرېزىدېنتلىققا سايلىسا، جەمئىيەتنىڭ كېلەچەك تەرەققىياتى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتنى دۇنياغا تونۇتۇش، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يېزىش ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن جان پىدالىق بىلەن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇشبۇ يىغىن بىر سائەت داۋام قىلغاندىن كېيىن، خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ئۇيغۇر مەركىزىنىڭ رەسمى سايلىمى بولۇپ ئۆتتى. سايلامدا بارلىق جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ئاۋاز بېرىشى ئارقىلىق، تولۇق ئاۋاز بىلەن ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن جەمئىيەتنىڭ پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىگە سايلاندى. كېيىن جەمئىيەتنىڭ ئىدارە ھەيئەت سايلىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، بارلىق ئەزالارنىڭ ئاۋاز بېرىشى بىلەن ئالىشېر خالىلوۋ مەركىزىنىڭ باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىگە سايلاندى. ئىجرائىيە كومىتېت ھەيئىتى رەئىسلىك ۋەزىپىسىگە سەنئەتشۇناسلىق دوكتورى، رەسسام […]

     
  • ئۇيغۇر گېزىت-ژۇرناللىرىنىڭ بۈگۈنكى سىياسىي قىسمىتى

    2017-يىل 9-ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلىنىڭ بارلىق باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇتۇش تىلى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دا چىقىدىغان ئۇيغۇر تىلىدىكى كىتاب، ژۇرنال قاتارلىق نەشرىيات بۇيۇملىرىنىڭ سانى يوقىلىشقا قاراپ مېڭىش بىلەن بىرگە مەزمۇنىدىمۇ روشەن ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىپ، تارىخ، مەدەنىيەت ۋە ئەدەبىياتقا ئائىت مەزمۇنلار خىتاينىڭ تەشۋىقات ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ، ئىلگىرىكى «دىققەت بىلەن» چىقىرىلىدىغان سەزگۈر مەزمۇنلار پۈتۈنلەي كۆزدىن يوقىتىلىپ، ئورنىغا كوممۇنىستىك تۈس ئالغان غىپ-قىزىل بىر ئەدەبىيات بەرپا قىلىنماقتا. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى، غەيرىي ماددىي ۋە مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى، تىل-ئەدەبىياتىنى قوغدايدىغان ۋە تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقىنى ئىزچىل جاكارلاپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ «قوغداۋاتقىنى»، ئۇيغۇرلارغا قارىتا «خىتايچە مەدەنىيەت» نى سىڭدۈرۈش ۋە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش» تە قورال سۈپىتىدە قوللىنىۋاتقان ۋاسىتە بولۇپ قالدى. «ئون ئىككى مۇقام»، «مەشرەپ» قاتارلىق مەدەنىي مىراسلىرىمۇ «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى» گە تەۋە «مىراس» دەپ قارىلىپ، خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ بىرقىسمى قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنىپ، خالىغانچە دەپسەندە قىلىنماقتا. شى جىنپىڭنىڭ نۆۋەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى ئەينى ۋاقىتلاردا ماۋ زېدوڭنىڭ 1940-يىللاردا يەنئەندە سۆزلىگەن سۆزىدىكى «مېغىز بىلەن شاكال» نى پەرقلەندۈرۈش پىرىنسىپىنىڭ داۋاملىشىشى بولۇپ، بۇ، ئەمەلىيەتتە مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىگە بولغان تاجاۋۇزچىلىق ۋە ئاسسىمىلياتسىيە ئىدى. ئەدىب جۈن تويفېل ئەگەر بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتى شۇ مىللەتتىن تەركىب تاپقان پارتىيە ياكى ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدىلا نورمال تەرەققىياتقا ئېرىشەلەيدۇ، يالغۇز ئۇ مىللەتنىڭ ئۆزىنىڭلا تىرىشچانلىقى بىلەن مەدەنىيەت تەرەققىياتقا ئېرىشەلمەيدۇ دېگەن نەزەرىيەنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ نەزەرىيە دەل ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ھالىتىگە ئۇيغۇن بولۇپ، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت ھاكىمىيەت باشقا بىرىنىڭ قولىدا بولغان ئەھۋالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىشى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشىدىن سۆز ئىچىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇيغۇر دىيارىنىڭ يېقىنقى ۋەزىيىتىدىكى نەشرىياتچىلىق ساھەسىدە يۈز بەرگەن بىرقانچە نۇقتىلىق ئۆزگىرىشلەر خىتاينىڭ مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ۋە خىرىسلىرىنىڭ يۈزلىنىشىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. تولۇق بولمىغان ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ سابىق تەتقىقاتچىسى مامبەت تۇردىنىڭ «ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نەشرىياتچىلىق ئەھۋالى» ناملىق خىتاي تىلىدىكى ماقالىسىدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، 1949-يىلىدىن 2001-يىلىغىچە ئۇيغۇر تىلىدا 100 پارچىدىن ئارتۇق رومان، 43 پارچىدىن ئارتۇق پوۋېست ۋە ھېكايە نەشر قىلىنغان بولۇپ، 1979-يىلدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىلمىي ماقالىلەر 2000 پارچە، ئىلمىي […]

     
  •