Post Tagged with: "ئالمۇتا، سايلام 2025، خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ئۇيغۇر مەركىزى"
-
ئالمۇتىدا خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ئۇيغۇر مەركىزىنىڭ سايلىمى بولۇپ ئۆتتى
خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ئۇيغۇر مەركىزىنىڭ سايلىمى 2025-يىلى 16-ئاپرېل كۈنى ئالمۇتا شەھىرىدىكى مىر نەشرىياتى ئىشخانىسىدا بولۇپ ئۆتتى. ئۇشبۇ جەمئىيەتنىڭ خىزمەتلىرىدىن ھېساب بېرىش ۋە سايلام ئۆتكۈزۈش يىغىنغا جەمئىيەتنىڭ قازاقىستاندىكى ئەزالىرى كېلىپ قاتناشقاندىن سىرت، دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللەردىكى ئەزالىرى ئىنتېرنېت تورى ئارقىلىق قاتناشتى. يىغىنغا جەمئى 24 نەپەر كىشى ئىشتىراك قىلدى بۇ يىغىن خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ئۇيغۇر مەركىزى (پەن كلۇب) ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئالىشېر خالىلوۋ رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇيغۇر پەننىڭ ئۆتكەنكى قەرەللىك سابىق رەئىسى رەسسام قەيسەر ئۆزھۇن سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر پەن كۇلۇبنىڭ قۇرۇلۇش تارىخى ۋە ئۇشبۇ قەرەللىك ۋەزىپىدە ئېلىپ بارغان خىزمەتلىرى ھەققىدە دوكلات بەردى. كېينكى نۆۋەت سۆزگە چىققان خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ئۇيغۇر مەركىزى باش كاتىپى، يازغۇچى خەمىت ھەمرايېۋ ئۆزى بۇ ۋەزىپىدە بولغان مەزگىلدە ئېلىپ بارغان خىزمەتلەر ھەققىدە توختالدى. ئۇيغۇر پەن ئەزاسى ئاتاقلىق شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوۋ سۆز قىلىپ، قەيسەر ئۆزھۇننى يەنە نۆۋەتلىك پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىگە سايلاش توغرىلىق تەكلىپ بەردى. ئۇ جاۋاپ بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئۈچىنچى قېتىم نامزات بولۇش ھوقۇقىغا ئىگە ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. ئۇيغۇر پەن كۇلۇبنىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك سابىق باش كاتىپى، بۈيۈك بىرتانىيەدە ياشايدىغان شائىر، ئاكادېمىك ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ ئىدارە ھەيئەتلىرى تەرىپىدىن پرېزىدېنتلىق نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن ئىدى. ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستانغا خىزمەت بىلەن كېلىپ، ئالماتادا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر پەن كۇلۇبنىڭ بۇ نۆۋەتلىك پرېزىدېنت نامزاتلىق تەكلىپىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردۇپ، ئۇيغۇر پەن كۇلۇبى ئىدارە ھەيئىتىنىڭ ئۆزىنى پرېزىدېنتلىق نامزاتلىقىغا كۆرسەتكەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىپ، ئەگەر مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ بارلىق ئەزالىرى ئۆزىنى سايلامدا پرېزىدېنتلىققا سايلىسا، جەمئىيەتنىڭ كېلەچەك تەرەققىياتى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتنى دۇنياغا تونۇتۇش، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يېزىش ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن جان پىدالىق بىلەن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇشبۇ يىغىن بىر سائەت داۋام قىلغاندىن كېيىن، خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ئۇيغۇر مەركىزىنىڭ رەسمى سايلىمى بولۇپ ئۆتتى. سايلامدا بارلىق جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ئاۋاز بېرىشى ئارقىلىق، تولۇق ئاۋاز بىلەن ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن جەمئىيەتنىڭ پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىگە سايلاندى. كېيىن جەمئىيەتنىڭ ئىدارە ھەيئەت سايلىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، بارلىق ئەزالارنىڭ ئاۋاز بېرىشى بىلەن ئالىشېر خالىلوۋ مەركىزىنىڭ باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىگە سايلاندى. ئىجرائىيە كومىتېت ھەيئىتى رەئىسلىك ۋەزىپىسىگە سەنئەتشۇناسلىق دوكتورى، رەسسام […]